بېيجىڭدا داۋاملىشىۋاتقان 14 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋازغا قويۇشتا بىردىنبىر نامزات بولغان شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن ئۈچىنچى قېتىم دۆلەت رەئىسى بولۇپ سايلاندى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا خەن جىڭ مۇئاۋىن رەئىس، ساۋ لىچى قۇرۇلتاي رەئىسى بولۇپ سايلاندى.
شى جىنپىڭ، ساۋ لىچى ۋە خەن جىڭ سايلانغاندىن كېيىن قەسەم بېرىپ، ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىدى.
ئىلگىرى 2013- ۋە 2018- يىللىرى ئۇدا ئىككى قېتىم دۆلەت رەئىسى بولۇپ سايلانغان، 10 يىلدىن بۇيان ۋەزىپە ئۆتەپ كېلىۋاتقان شى جىنپىڭ 5 يىللىق ئۈچۈن قايتا سايلاندى.
شۇنىڭ بىلەن، ئۇ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تارىخىدىكى 3- قېتىم دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغان تۇنجى شەخس بولۇپ قالدى.
شى جىنپىڭ يەنە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە قايتا سايلىنىپ، ئارمىيەنىڭ باش قوماندانلىق ئورنىنى ساقلاپ قالدى.