سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فايسال بىن فارخان مۇنداق دېدى: ئىران بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېلىشىمى «بارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ».
بىن فېرخان سەئۇدى ئەرەبىستان قوللىغان «شەرقۇل ئەۋسەت» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «ئىران بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم، دىئالوگ ۋە دىپلوماتىيە ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئورتاق ئارزۇنىڭ ئىپادىسى».
بىن فېرخان ئۆزلىرىنىڭ «ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئىككى ئاي ئىچىدە قايتا باشلاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى» نى تىلغا ئېلىپ ، كەلگۈسىدە ئۆز-ئارا زىيارەت قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىن فېرخان سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمدە خىتاينىڭ رولى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بېيجىڭ ۋە تېھران بىلەن رايوندا بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق مۇھىتى يارىتىشتا ئورتاق مەنپەئەتىمىز بار».
دىپلوماتىك مۇناسىۋەت يەتتە يىلدىن كېيىن ئەسلىگە كېلىدۇ
ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان 7 يىلدىن كېيىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم 10-مارت ئىران ، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە خىتاينىڭ بىرلەشمە باياناتىدا ئېلان قىلىندى.
ئىران-سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋىتى
2016-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى ، سەئۇدى ئەرەبىستاندا «تېرورلۇق» جىنايىتى بىلەن شىئە مەزھىپىدىكى دىنىي زات نىمر نىمرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 47 كىشى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىندى.
ئىران دائىرىلىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرغان بايانلىرىدىن كېيىن ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تېھراندىكى باش ئەلچىخانىسى ۋە مەشھەد شەھىرىدىكى كونسۇلخانا بىنالىرى ئىراندىكى نامايىشچىلار تەرىپىدىن كۆيدۈرۈۋېتىلدى. 2015-يىلى 3-ئايدا باشلانغان يەمەندىكى كرىزىس سەۋەبىدىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالدى.
ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئەمەلدارلىرى 2021-يىلى 4-ئايدا باغداتتا ئۇچرىشىپ ، بىۋاسىتە سۆھبەتلەشتى ، ئىراق مۇرەسسە قىلغان سۆھبەت بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملاشتى.
ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيىسى، ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ 6-مارت بېيجىڭدا خىتاي دائىرىلىرى تېھران بىلەن رىياد ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن سۆھبەت باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.