چاۋشيەن سۇ ئاستى پاراخوتىدىن ئىككى «ئىستراتېگىيىلىك چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا» قويۇپ بەرگەندىن كېيىنلا ، كورېيە بىلەن ئامېرىكا «ئەركىنلىك قالقىنى» ناملىق ھەربىي مانېۋىرنى باشلىدى.
يونخاپ خەۋىرىگە قارىغاندا ، كورېيە باش شتابىنىڭ باياناتىدا ، 11 كۈنلۈك مانېۋىرنىڭ چاۋشيەننىڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان رېئال ئەھۋاللارغا تەقلىد قىلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بۇچاۋشيەننىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن كورىيەنىڭ بىرلەشمە ھەرىكەت پىلانىنى ئاساس قىلغان مۇداپىئە مانېۋىرى».
مانېۋىرنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا دەم ئالمايلا داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن باياناتتا ، بۇنىڭ كورېيە بىلەن ئامېرىكا بىرلىكتە قىلىدىغان ئەڭ چوڭ مانېۋىر بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
باياناتتا ، «ئەركىنلىك قالقىنى» مانېۋىرىدىن باشقا ، ئىككى دۆلەتنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدا تەخمىنەن 20 بىرلەشمە مەيدان مەشىقى ئېلىپ بېرىپ ، ئۇلارنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.
مانېۋىر 23-مارتقىچە داۋاملىشىشى پىلانلانغان.