خەۋەرلەردە دىيلىشچە، چاۋشيەن 13-چىسلا يادرو قوراللىرى بىلەن قۇراللانغان سۇ ئاستى پاراخوتىدىن ئىككى دانە ئىستراتېگىيىلىك چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن بولۇپ، ئۆز نۆۋىتىدە چاۋشەننىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ھۇجۇم ھەرىكىتىنى سىناق قىلغانلىقى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ نىشانغا تېگىشتىن ئىلگىرى تەخمىنەن 1500 كىلومىتىر مۇساپىنى باسقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن .
كورىيە بىرلەشمە خىزمەتچىلەر باشلىقى: ئارمىيمىز چاۋشەننىڭ بۇ ھەركىتىگە قارىتا ھوشيارلىقنى ئۆستۈردى ، دۆلەت ئاخبارات ئورگىنى ئامېرىكا قىسملىرى بىلەن بىرلىكتە چاۋشەننىڭ ھەركىتنى تەھلىل قىلدى دىگەن.
13-چسلا كورېيە ۋە ئامېرىكا ئەسكەرلىرى«ئەركىنلىك قالقىنى 23» دەپ ئاتالغان 11 كۈنلۈك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنى باشلىغان بولۇپ ، بۇ مانېۋىر 2017-يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ھەجىمدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
چاۋشەن تەرەپ بولسا : «سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ قويۇپ بىرىش سىنىقى ، چاۋشيەننىڭ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئىرادىسىنى نامايان قىلىدۇ ،« ئامېرىكا جاھانگىرلىرى بىلەن كورېيە قورچاق كۈچلىرىنىڭ چاۋشيەنگە قارشى تۇرۇش مۇددىئاسى ئۇلارنىڭ ھەربىي مانېۋىردا مەلۇم بولۇۋاتىدۇ» دىگەن.