946 


توگگنىڭC كاتېگورىيەسى SUV تىپىنىڭ ئىسمىنىڭ «T10X» ئىكەنلىكى، ئۆلچەملىك مودېلىنىڭ سېتىش باھاسىنىڭ 953 مىڭ لىرا قىلىپ بېكىتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئالدىن زاكاز قىلىشنىڭ 16-مارت باشلىنىدىغانلىقى، توگگنى سېتىۋالغۇچىلىرىغا تاپشۇرۇش رەت تەرتىپىنىڭ چەك تاشلاش ئارقىلىق بېكىتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتقا قارىغاندا، V1 ئۈسكۈنىسى سەپلەنگەن ئۆلچەملىك تىپىنىڭ باھاسى 953 مىڭ لىرا، يېتىپ بېرىش مۇساپىسى ئوخشاش بولسىمۇ، V2 ئۈسكۈنىسى سەپلەنگەن مودېلىنىڭ باھاسى 1 مىليون 55 مىڭ لىرا ئىكەن.
ئۇزۇن مۇساپىلىك باتارېيە سەپلەنگەن V2 ئۈسكۈنىلىك مودېلى 1 مىليون 215 مىڭ لىراغا سېتىلىدىكەن.
تۈركىيەنىڭ يەرلىك ماشىنىسى توگنىڭ ئۆلچەملىك مودېلىنىڭ يېتىپ بېرىش مەزىلى 314 كىلومېتىر، يۇقىرى مودېلىنىڭ يېتىپ بېرىش مەنزىلى 523 كىلومېتىر ئىكەن.
T10X مودېلىغا ئېرىشمەكچى بولغانلار TOGG تور بېكىتى ۋە Trumore ئەپ دېتالى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.
