ئىران ، خىتاي ۋە روسىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئومان قولتۇقىدىكى بىرلەشمە مانېۋىرى 2- كۈنىگە قەدەم قويدى.
ئىگىلىنىشچە ، روسىيە ، ئىران ۋە خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيىسى 15-مارتتىن 19-مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا ئومان قولتۇقىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بىرلەشمە مانېۋىر 15-چسىلا باشلانغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتىدا مۇنداق دېدى: بۇ بىرلەشمە مانېۋىر قاتناشقۇچى دۆلەتلەر دېڭىز ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق.
خىتاي يېتەكچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگۈچى پاراخوتىنى بىرلەشمە مانېۋىرغا ئەۋەتىپ ، ئۇرۇشتىن باشقا ۋەزىپىلەرنى مەشىق قىلىشقا ، شۇنداقلا دېڭىزدا ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىدىكەن.
ئىران ئىنقىلابى قوغدىغۇچىلىرىمۇ 5 كۈن داۋام قىلىدىغان بىرلەشمە مانېۋىرغا قاتنىشىدىكەن.
خىتاي، ئىران ۋە روسىيەنىڭ مانېۋىرىنىڭ باشلىنىشى بىلەن بىرگە ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئۇچۇش مانېۋىرى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ B-52 ئۇزۇن مۇساپىلىك ئىستراتېگىيىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانى سەئۇدى ئاسمىنىدا كۆرۈلگەن.