خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بايانات بېرىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 20- مارتتىن 22 – مارتقىچە موسكۋادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل سارىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدىمۇ پۇتىن بىلەن شىنىڭ «رۇسىيە – خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى» ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئىككى رەھبەرنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «بەزى مۇھىم ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويۇلىدىغانلىقى» قەيت قىلىندى.
بۇ شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە- ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم رۇسىيەنى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ زىيارەت خىتاينىڭ رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى مەيدانى بەس – مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان جېئوپولىتىكىلىق رىقابەت مۇساپىسىدە بېيجىڭ – موسكۋا مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يېقىنلاشقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.