1K
9 خىتاي پۇقراسى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ بامبارى شەھىرىدىكى بىر ئالتۇن كانىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان قوراللىق ھۇجۇمىدا ئۆلدى.
دۆلەتلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، پايتەخت بانگۇينىڭ شەرقىي شىمالىغا 400 كىلومىتىر كېلىدىغان بامبارى شەھىرىدىكى چىڭبولو يېزىسىغا جايلاشقان خىتاينىڭ ئالتۇن قىرغاق گۇرۇھى شىركىتىگە تەۋە كان نامەلۇم قوراللىق كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.
ھۇجۇمچىلار كان مەيدانىدىكى ماشىنا ۋە تۇرالغۇلارنى بۇلىغان ۋە 9 خىتاي كان ئىشچىسى ئۆلتۈرگەن.
ئالتۇن قىرغاق گۇرۇھى شىركىتىنىڭ بۇ رايوندا 5 كۈن بۇرۇن تىجارەت باشلىغانلىقى بايان قىلىنماقتا.