بەششار ئەسەد ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا پرېزىدېنت شەيخ مۇھەممەد بىن زەيىد ئەل نەھيان بىلەن كۆرۈشتى.
خان ئوردىسىدا رەسمىي مۇراسىم بىلەن قارشى ئېلىنغان ئەسەد كېيىن ئەل نەھيان بىلەن ئىككى تەرەپلىك كۆرۈشتى. بەششار ئەسەدنى ئېلىپ ماڭغان ئايروپىلاننىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن بىللە ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
ئەل نەھيان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «مەن بۈگۈن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشار ئەسەدنى قارشى ئالدىم ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلغان ئىجابىي سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بىز سۈرىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ، مۇقىملىق ۋە ئىلگىرىلەشنى تېزلىتىمىز ».
بەششار ئەسەد يېقىندا روسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.