892
بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان فرانسىيىدە ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈشىگە قارىتا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش پارلامېنتتا مۇزاكىرە قىلىنىشقا تەييارلىنىۋاتقان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتە ئىسلاھاتقا قارشى نامايىش يۈز بەردى.
فرانسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىسلاھاتقا قارشى تۇرغۇچىلار ، ئومۇمىي ئىشچىلار ئويۇشمىسى (CGT) نىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، ۋېرسال ۋوگزالى ئەتراپىدا پويىز قاتنىشىنىڭ توختاتقان.
رېننېس شەھىرىدە بولسا، نامايىشچىلار شەھەرگە كىرىش-چىقىش ئېغىزى ۋە كېسىشمە يولنى قامال قىلغان.
فرانسىيە پۇقرالار ئاۋىياتسىيە باش ئىدارىسى (DGAC) ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىدىن 21-22-مارت كۈنلىرى پارىژدىكى مارسېل ۋە ئورلى ئايرودرومىدىكى ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىنىڭ %20 ىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.