شوتلاندىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئەنگىلىيە پارلامېنتىغا تەۋە بارلىق ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەردە TikTok ئەپ دېتالى چەكلىنىدۇ.
پارلامېنت باياناتىدا ، ھۆكۈمەتنىڭ TikTok نى 16-مارت بارلىق ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ئىشلىتىدىغان ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەردە ئىشلىتىشنى چەكلىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا تور بىخەتەرلىكىنىڭ پارلامېنتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى:
«ھۆكۈمەت TikTok نىڭ ئاممىۋى ئۈسكۈنىلەردە ئىشلىتىلىشىنى چەكلەش قارارىدىن كېيىن ، ئاۋام پالاتاسى كومىتېتى TikTok نى بارلىق پارلامېنت ئەسلىھەلىرى ۋە پارلامېنت تورىدىن توسۇشنى قارار قىلدى».
شوتلاندىيە رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جون سۋىننېيمۇ بۇ دېتالنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىلەردە چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. سۋىننىي يەنە بۇ قارارنىڭ ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى 16-مارت ئېلان قىلغان قارارىغا ئاساسەن ئېلىنغانلىقىنى بايان قىلدى.
TikTok ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىدا چەكلەنگەن
TikTok بىخەتەرلىك ۋە مەخپىيەتلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن قاتتىق چەكلىمىلەرگە دۇچ كەلمەكتە ، ئابونتلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى زىيارەت قىلىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ.
ياۋروپا بىرلەشمىسى كومىتېتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى بىخەتەرلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن TikTok نى چەكلىگەن بولسا ، ئامېرىكىدىكى ئاقساراي، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى، دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى قاتارلىق نۇرغۇن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ بېلەت تاشلىشنى كۈتمەيلا TikTok نى چەكلىدى.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى يەنە 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى TikTok دەپ دېتالىنى پارلامىت ئەزالىرى ۋە خىزمەتچىلىرى ئىشلەتكەن رەسمىي ئۈسكۈنىلەردە چۈشۈرۈش ۋە ئىشلىتىشنى چەكلىدى.
ئەنگىلىيەدە 16-مارت چىقىرىلغان TikTok قارار بىلەن بارلىق ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىگە تەۋە ئۈسكۈنىلەردە بۇ ئەپنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.