خىتاي تەرەپ، ئامېرىكا پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنىڭ ئىز قوغلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتورغا ئېلىپ چىقىپ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى TikTok غا بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى يىغىنىدا TikTok نىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى شو زىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىگە باھا بەردى.
باياناتچى ماۋ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «Bytedance» شىركىتى ئىچىدىكى TikTok قاتارلىق خەلقئارالىق شىركەتلىرىگە «دۆلەت بىخەتەرلىك ئەندىشىسى» نى باھانە قىلىپ بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى سانلىق مەلۇماتلارنىڭ مەخپىيەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىنى قانۇن ئارقىلىق قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ھەر قانداق شەخس ياكى شىركەتتىن دۆلەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان ھالدا سانلىق مەلۇمات ياكى ئاخباراتتىن ئورتاقلىشىشنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ». دېدى.
مايۈن مۇنداق دېدى: خىتاي ھۆكۈمىتى TikTok سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى ئىشلىتىپ ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ئىز قوغلىيالايدۇ ۋە ئۇنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ دېگەن تەشەببۇس پەقەت «جىنايى پەرەز»، «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر TikTok نىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە قانداق تەھدىد ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق پاكىت بىلەن تەمىنلىمەستىن ئىزچىل تۈردە شىركەتكە ئورۇنسىز بېسىم قىلىشقا ئۇرۇنماقتا». دېدى.
TikTok ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىدا چەكلەنگەن
TikTok بىخەتەرلىك ۋە مەخپىيەتلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن قاتتىق چەكلىمىلەرگە دۇچ كەلمەكتە ، ئابونتلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى زىيارەت قىلىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ.
ياۋروپا بىرلەشمىسى كومىتېتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى بىخەتەرلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن TikTok نى چەكلىگەن بولسا ، ئامېرىكىدىكى ئاقساراي، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى، دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى قاتارلىق نۇرغۇن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ بېلەت تاشلىشنى كۈتمەيلا TikTok نى چەكلىدى.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى يەنە 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى TikTok دەپ دېتالىنى پارلامىت ئەزالىرى ۋە خىزمەتچىلىرى ئىشلەتكەن رەسمىي ئۈسكۈنىلەردە چۈشۈرۈش ۋە ئىشلىتىشنى چەكلىدى.
ئەنگىلىيەدە 16-مارت چىقىرىلغان TikTok قارار بىلەن بارلىق ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىگە تەۋە ئۈسكۈنىلەردە بۇ ئەپنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.
شوتلاندىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئەنگىلىيە پارلامېنتىغا تەۋە بارلىق ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەردە TikTok ئەپ دېتالى چەكلىنىدۇ.