ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسىيونى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا توختالدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسىيونى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ بېيجىڭنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيەنى قوللاش – قوللىماسلىقىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈشنىڭ ياۋروپانىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ۋون دېر لېيېن كېلەر ھەپتە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن بىرلىكتە خىتايغا قارىتىدىغان زىيارىتىدىن ئىلگىرى ياۋروپا- خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.
خىتاينىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك نامراتلىقتىن كېيىن تەرەققىي قىلىپ دۇنيا سەھنىسىگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى، خىتاي – ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى ۋە يېقىنقى يىللاردا بەزى مەسىلىلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋون دېر لېيېن، «خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ خەتەرگە ئىتتىرمىگۈدەك دەرىجىدە مۇھىم» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
خىتاينىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تىنچلىقنى ۋە ب د ت ئەھدىنامىسىدىكى پىرىنسىپ ۋە قىممەتلەرنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىگەن ۋون دېر لېيېن، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنىڭ تىنچ ئۇسۇلدا ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان پىلاننىڭ ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى نەزەردە تۇتۇشى ۋە رۇسىيەنىڭ ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ: «خىتاينىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇرۇشىغا تۇتىدىغان پوزىتسىيەسى ياۋروپا- خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يۆنىلىشىدە ھەل قىلغۇچ ئامىل بولىدۇ» دېدى.
ئۇ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا توختىلىپ: «خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈش ھەم سىجىل بولمايدۇ ھەم ياۋروپانىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز قارا ياكى ئاق ئەمەس. بۇ خىتايغا قايتۇرۇلىدىغان جاۋابمۇ بۇنداق بولمايدۇ. شۇڭا بىز زېھنىمىزنى بۆلۈنۈشكە ئەمەس، خەتەرنى ئازايتىشقا مەركەزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.