ئاسىيائامېرىكاباشبەتتەۋسىيەخەلقئارا خەۋەرلەر

خىتاي: ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندىكى بازىلارنى ئىشلىتىش كېلىشىمى رايون تىنچلىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ

خىتاي تەرەپ، ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندا يەنە تۆت ھەربىي بازىنى ئىشلىتىشىگە يول قويغان يېڭى كېلىشىمنى ئىمزالىشىنىڭ رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىد ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ماۋ 4-چسلا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى سەۋەبىدىن رايوندا ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە».

ماۋ باياناتىنى تۆۋەندىكىدەك داۋاملاشتۇردى:

«رايوندىكى دۆلەتلەر ئۆز مەنپەئەتى ، ھەم رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن ھەقىقىي پايدىلىق تاللاشلارنى تاللاشتىن بۇرۇن، كۆپچىلىككە نېمىنىڭ مۇۋاپىق ۋە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئويلىشىشى كېرەك».

فىلىپپىن 3-چسلا ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندا يەنە تۆت ھەربىي بازىنى ئىشلىتىشكە يول ئاچىدىغان كېلىشىمنى ئىمزالىغانلىقى، بۇ بازىلارنىڭ بىرىنىڭ تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزغا ، يەنە بىرىنىڭ تەيۋەنگە يېقىن ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ۋاشىنگىتون بىلەن مانىلا نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئىتتىپاقداش. ئۇلار 2014-يىلى مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالاشقان بولۇپ، ئوتتۇرا شەرىق ئاگېنتلىقىنىڭ ئېرىشكەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ، بۇ كېلىشىم ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ فىلىپپىندىكى بەش ھەربي بازىسىنى ئىشلىتىشىگە ۋە ئۇ يەردە ھەربىي ئەسلىھە ۋە ئەشيالارنى ساقلىشىغا يول ئاچقان.

بۇ بازىلارنىڭ سانى 2-ئايدا توققۇزغا كۆپەيتىلگەن. قانداقلا بولمىسۇن ، قوشۇمچە تۆت بازىنىڭ ئورنى ئېنىقلانمىدى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button