مىسىر پرېزىدېنتى ئابدۇل فەتتاھ سىسىنىڭ روسىيە ئۈچۈن 40 مىڭ راكېتا ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ توشۇلۇشىنىڭ مەخپىي تۇتۇلۇشىنى خالايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مىسىرنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغان روسىيەگە مەخپىي راكېتا بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
«ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتى» يېقىندا ئاشكارىلانغان ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات ھۆججىتىگە ئاساسلانغاندا، مىسىر ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقداشلىرىدىن بىرى ، سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان پرېزىدېنت ئابدۇل فەتتاھ سىسى 2-ئايدا رۇسىيەگە ئەۋەتىش ئۈچۈن 40 مىڭغا يېقىن راكېتا ئىشلەپچىقىرىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن.
ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئاشكارىلانغان ھۆججەتلىرىدە ، سىسى بىلەن مىسىر ئارمىيىسى ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتتىن باشقا ، 17-فېۋرالدىكى مەخپىي ھۆججەتنىڭ بىر قىسمىدا ، روسىيەنى زەمبىرەك ئوقى ۋە پارتىلاتقۇچ دورا بىلەن تەمىنلەش پىلانلانغان.
ھۆججەتنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قىسمىدا ، سىسىنىڭ غەرب ھۆكۈمەتلىرىنىڭ جازاسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، روسىيەگە ئەۋەتىشنى پىلانلىغان ئوق-دورا ئىشلەپچىقىرىش ۋە توشۇشنى مەخپىي تۇتۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر بار ئىكەن.