فرانسىيە پرېزىدېنتى ماكروننىڭ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىنكى بايانلىرى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى. ماكرون ياۋروپانى ئامېرىكىغا ئەگەشمەسلىككە ۋە ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئېنىقلاشقا چاقىردى.
فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن، تەيۋەن ھەققىدە قىلغان بايانلىرى تالاش-تارتىش قوزغىدى.
ماكرون ئۈچ كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن «Politico» ژۇرنىلى ۋە «لېس ئېچوس» گېزىتىنىىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ، ياۋروپانىڭ تەيۋەنگە قارىتا ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە «ياۋروپانىڭ ئۆزىگە تەۋە بولمىغان كرىزىسلارغا ئارىلىشىشنىڭ خەۋىپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقى» ۋە مۇداپىئە ساھەسىدە ئامېرىكغا تايىنىشچانلىقىنى ئازايتىشقا چاقىردى.
ماكرون ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە ، سۈنئىي ئىدراك ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورى قاتارلىق ھالقىلىق ساھەلەردە باشقىلارغا تايانماسلىقى كېرەكلىكىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «يۈز بېرىدىغان ئەڭ ناچار ئىش بىز ياۋروپالىقلارنىڭ ئەگەشكۈچى بولۇشىمىز.»