رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىككە مەسئۇل مەسئۇلى ۋىلادىمىر يەرماكوف مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدا ھەربىي توقۇنۇش خەۋىپى ئاشماقتا.
يەرماكوف روسىيە دۆلەت ئاخبارات ئاگېنتلىقى TASS نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتى ۋە پوزىتسىيىسىنىڭ ئىككى يادرو دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى تىركىشىش خەۋىپىنى ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇكرائىنا ھۇجۇمى باشلانغاندىن كېيىن، روسىيە پات-پات غەرب دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ئۇكرائىناغا يادرو قورالى ئىشلىتىش تەھدىدىتنى سېلىپ كەلدى.
يەرماكوف باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئامېرىكا روسىيەگە قارشى تۇرۇشتىكى مەيدانىنى ساقلاپ قالسا ھەمدە قوراللىق توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىش خەۋىپى كۈچىيىپ كەتسە، «START »دەپ ئاتىلىدىغان يادرو قوراللىرىنى چەكلەش كېلىشىمىنىڭ تەقدىرى ئالدىن بېكىتىلىشى مۇمكىن.
يېرماكوف ئامېرىكا ۋە روسىيەنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى توقۇنىشى توغرىسىدا ھېچقانداق تەپسىلاتنى ھەمبەھىرلىمىدى.
بۈگۈنكى ئەڭ ئېغىر تەھدىت يادرو كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش خەۋىپىنىڭ كۈچىيىشى. بەختكە قارشى ، بۇ خەتەر كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ.