خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ رەئىسى رافائېل مارىيانو گروسسى ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتر ئىستانسسىنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن ئۇزۇن يىللار پاكىز يادرو ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ رەئىسى رافائېل مارىيانو گروسسى تۈنۈگۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن نەق مەيدان ئۇلىنىشى ئارقىلىق قاتناشقان ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتر ئىستانسسىغا تۇنجى يادرو يېقىلغۇسى يەتكۈزۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىنى تىنچلىق مەقسىتىدە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
گروسسى پۈتكۈل دۇنيانىڭ يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى ۋە كلىمات ئۆزگىرىشى دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ««يادرو ئېنېرگىيەسى پاكىز ئېنېرگىيە مەنبەسى سۈپىتىدە مەن بۈگۈن زىيارەت قىلغان بۇ پەۋقۇلئاددە مۇئەسسەسەگە ئىنتايىن مۇھىم تەرەققىياتلارنى ئېلىپ كېلىدۇ ۋە تۈركىيەنى % 10 تىن ئارتۇق پاكىز ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ تۈركىيە ئۈچۈن نېمىدېگەن مۇھىم ئالاھىدىلىك، نېمىدېگەن زور ئۆزگىرىش – ھە! بۇ مۇۋەپپەقىيەتنىڭ بۇنچىلىك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قولغا كەلتۈرۈلۈشى نېمىدېگەن زور ئۇتۇق – ھە!»
ئۇ ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتر ئىستانسسىنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن ئۇزۇن يىللار پاكىز يادرو ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «يادرو ئېنېرگىيەسى ھەمىشە ياخشىلىق يوللىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى كېرەك. يادرو ئېنېرگىيەسىدىن پەقەت ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈشى لازىم.»
گروسسى يادرو ئېنېرگىيەسىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بۇ يىل قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ. يەنە 100 يىل ئىچىدە ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتر ئىستانسسى تۈركىيە ئۈچۈن داۋاملىق پاكىز يادرو ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ ھەقتە مەن سىلەرگە شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتر ئىستانسسىنىڭ ھەر بىر باسقۇچىدا خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىغا ئىشەنسەڭلار بولىدۇ.»