تىز ياردەم بىرىش قىسمىنىڭ قىسقىچە كۆرۈنىشى
- بۇ قىسىمنىڭ شەكىللىنىشى 2014- يىلى سابىق رەئىس ئۆمەر بەشىر دەۋرىگە ئائىت.
- – «تىز ياردەم بىرىش قىسمى» دارفوردا جەڭ قىلغان، بەشىر ھاكىمىيىتى ئىسياننى تىنجىتىشتا ئارمىيەگە ياردەملىشىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن جەنجۇۋەيد قۇراللىق كۈچلىرىدىن كىلىپ چىققان.
- – «تىز ياردەم بىرىش قىسمى» قۇماندانى «ھەمىيدەتى» نامى بىلەن لەقەبلەنگەن، ھەربىي ئۈنۋانى «فەرىيق ئەۋۋەل» لىك مۇھەممەد ھەمدان دەقلۇ.
- بۇ قىسىمنىڭ سانى تەخمىنەن 100000 (يۈز مىڭ) ئەتراپىدا بولۇپ، سۇدان ئىچىدىكى تۈرلۈك بازىلارغا تارقالغان.
- – 2015- يىلى، «تىز ياردەم بىرىش قىسمى» سۇدان ئارمىيىسى بىلەن يەمەندىكى ئۇرۇشقا قاتنىشىش ئۈچۈن قىسىم ئەۋەتىشكە باشلىغان بولۇپ، بۇ ھەمىيدەتىنىڭ قولتۇق دۆلەتلىرى بىلەن ئالاقە ئورنۇتىشىغا پۇرسەت بەرگەن.
- سۇدان ئارمىيەسى بۇ قىسىمنىڭ چەكلىك قەبىلىلەردىن شەكىللەنگەنلىكى سەۋەبىدىن سۇدان ئارمىيەسىگە قۇشۇلىشىنى رەت قىلغان.
- – «تىز ياردەم بىرىش قىسمى» بىخەتەرلىك ۋە ئىستىخبارات سېستىمىسىغا قېتىلغان بولۇپ، 2017- يىلى دۆلەت رەئىسىنىڭ باشقۇرشىدىكى مۇسستەققىل قىسىمغا ئايلانغان.
- – 2018 -يىلى كۆنەك (12- ئاي) دا ئىنقىلاپ پارتىلغاندىن كىيىن، «تىز ياردەم بىرىش قىسمى» قۇماندانى ھەمىيدەتى، بەزى قىسىملىرىنىڭ خەلق ھەركىتىنى باستۇرۇشقا قاتناشقانلىقى ھەققىدە ئەيىپلەشنىڭ بولغانلىقىغا قارىماي، ئىنقىلاپقا ھىسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
- – 2019- يىلى بەشىر تەخىتتىن چۈشكەندىن كىيىن، ھەمىيدەتى يېڭى ھەربىي كىڭەش رەئىسى ئىۋەز بىن ئەۋف بىلەن ئىشلەشنى رەت قىلغان، بۇ ئىش ئىۋەز بىن ئەۋفنىڭ چىكىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا ئابدۇلفەتتاھ ئابدۇرراھمان بورھاننىڭ تەيىنلىنىشىنى تىزلەتكەن.
- ھەمىيدەتى، ئابدۇلفەتتاھ بورھان يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان، «ئۆتكۈنچى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مەجلىسى» رەئىسىنىڭ نائىبى بۇلىدىغان ھۇقۇق تەقسىملەش كىلشىمىگە قول قويغان.
ئىختىلاپنىڭ نىگىزى
2022- يىلى 5- كۆنەك (12- ئاي) دا، «ئەركىنلىك ۋە ئىسلاھات خىتابنامىسى» سۇدان ئارمىيىسى بىلەن سۇداندا خەلىق ھاكىمىيىتىنى يولغا قۇيىدىغان يېڭى لايىھەنى باشلاش ھەققىدە رامكا كىلشىمى ئىمزالىدى. ھەمىيدەتى ھەم كىرزىسنىڭ بىردىندىر چىقىش يۇلى دەپ قاراپ رامكا كىلىشىمىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى ھەمدە «تىز ياردەم بىرىش قىسمىنىڭ ئارمىيەگە قېتىلىپ كىتىشى ۋە ھەربىي بىخەتەرلىك ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشتا تۇسالغۇ يوقلىقى» نى ئېيىتتى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئارمىيە قۇماندانى بورھان: «رامكا كىلشىمى <تىز ياردەم بىرىش قىسمى> نىڭ ئارمىيەگە قېتىلىپ كىتىشىدىن ئىبارەت مۇھىم ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى قوللايدىغانلىقى» نى ئېيىتتى.
لىكىن، «سۇدان قىسىملىرىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ھەربىي ئىسلاھاتى» نامى دائىرسىدە، « تىز ياردەم بىرىش قىسمى» نىڭ ئارمىيەگ قېتىلىپ كىتىشى مەسلىسىدە، ئىككى گوروھ ئارىسىدا تىزلا ئىختىلاپ يۈز بەردى. ئارمىيە «قېتىلىپ كىتىش» نىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلنىڭ ئاياغلىشىشى بىلەن تىزلا تاماملىنىشىنى تەلەپ قلغان بولۇپ، «تىز ياردەم بىرىش قىسمى» بولسا «قېتىلىپ كىتىش» نىڭ ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا تاماملىنىشىنى تەلەپ قىلغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا، ھەمىيدەتى سايلامدا ئوڭچە قېلىش، ھاكىمىيەتنى ئىگەللەش ۋە ئارمىيە قۇماندانلىرىنى سۇداندىكى خەلىق ھاكىمىيىتىدىن يىراقلاشتۇرۇش ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قەبىلە ئاقساقاللىرى، سوپىزم پىرلىرى ۋە «ئۆتكۈنچى مەزگىل» گە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بەزى خەلىق كۈچلىرىگە تايانغان ئىتتىپاق شەكىللەندۈرۈشكە تۇتۇش قىلدى.
بۇ قەدەملەر ھەمىيدەتىنىڭ ھاكىمىيەتنى كونترول قىلىشىدىن بىخەتەرلىك تەھدىدى ھېس قىلىدىغان ئارمىيە قۇماندانلىرىنىڭ كاتتىباشلىرىنى بىئارام قىلدى. بولۇپمۇ ھەمىيدەتى ھۇقۇقىنىڭ ئارمىيەدىن مۇسستەققىل قىسىمنىڭ ھەمرالىقىدا بولىشى، ھەمىيدەتىنىڭ كەلگۈسى تەمەسى ھەمدە ئارمىيەنىڭ سۇدان ھاكىمىيىتىدە سىياسىي رولىنىڭ بولىشىغا قىزىقىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن، ئارمىيە قۇماندانلىرى بورھانغا، بۇنى كىچىكتۈرگىلى بولمايدىغان مىللىي بىخەتەرلىك مەسلىسى دەپ قاراپ، «تىز ياردەم بىرىش قىسمى» نىڭ سۇدان ئارمىيەسىگە قېتىلىشىنى باشلاش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش ھەققىدە بېسىم قىلدى. ھەمدە سۇدان ئارمىيەسى قېتىلىش ئىجرائاتى ئۈچۈن، «تىز ياردەم بىرىش قىسمى» مۇنتىزىم ھەربىي قىسىم ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمەتتە ئاخىپى بولغانلىقتىن، بىر قانچە ئايدىن كۆپ ۋاقىت كەتمەيدۇ دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر قانچە قېتىم كىڭەش بولغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە پىكىر بىدەكلىكى ھاسىل قىلىش ۋە كىرزىستىن چىقىش يولى تېپىشتا مەغلۇپ بولدى. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ پايتەخت خارتۇم ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا ئەسكەر توپلىشىغا سەۋەب بولدى.
ھەمىيدىتى ۋە سۇداننىڭ سىرتى
- ھەمىيدەتى ئەبۇ زەبىي ۋە رىيادقا ئوخشاش رايونلۇق ئىتتىپاقداشلارغا تايىنىدۇ.
- – 2022- يىلى، دەقلۇ (ھەمىيدەتى) روسىيەنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، قىزىل دېڭىز ساھىلى روس بازىلىرىنىڭ قۇرۇلىشىغا ئۇچۇق ئىكىنلىكىنى ئىپادىلىگەن.
- ئا ق ش باشلىق غەرىب دۆلەتلىرى ھەمىيدەتىنى روس ۋاگنىر ياللانما شىركىتى بىلەن ئالاقىسى بار دەپ ئەيىپلەيدىغان بولۇپ بۇ ئۇنىڭ، پەقەتلا قۇراللىق گوروھنىڭ قۇماندانى دەپ قارايدىغان ۋاشىنگىتون بىلەن بولىدىغان ئالاقە يولىنى تۇسۇپ قويغان.
- ئەنە شۇ مەۋقەنىڭ ئۆزى ھەم ھەمىيدەتىنى، «تىز ياردەم بىرىش قىسمى» ئەزالىرى بىلەن قەبىلە باغلىنىشلىقىدىن سىرت، ئۇنىڭ بەزى تىجارەت مەبلەغلىرىگە ئىرىشكەن ئاسيوبىيە بىلەن بولغان يېقىنلىقىدىن گۇمانلىنىدىغان مىسىر بىلەن قارشىلىشىدىغان قىلىپ قويغان.
ئارمىيە بىلەن «تىز ياردەم بىرىش قىسمى» ئوتتۇرسىدىكى روسىيە ۋە ئا ق ش
- روسىيەنىڭ سۇداندىكى مەنپەئەتى كۆپ تەرەپلىمىلىكنى ئۆز ئىچىە ئالغان، بولۇپمۇ ئالتۇن، سۇدانغا بۇغداي ۋە خىمىيەۋىي ئۇغۇت ئىكىسپورت قىلىش، روسىيەنىڭ ئافرىقىدىكى تۇنجى دېڭىز ئارمىيە بازىسى ھېسابلىدىغان، قىزىل دېڭىزغا تۇتاشقان بورتسۇداندىكى روس بازىسى قۇرۇش كىلشىمىنى داۋاملاشتۇرۇش …. قاتارلىقلار.
- – «فورىين بولىيسى» نىڭ ئىلگىركى دوكىلاتىدا دېيىشىچە، روسىيەنىڭ دېڭىز ئارمىيە بازىسى قۇرۇش چۈشى سۇدان ھەربىي رەھبەرلىكنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىدىكى زىددىيەت سەۋەبىدىن قىيىندەك كۆرىنىدۇ. گەرچە ھەمىيدەتى روس قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتقان بولسىمۇ، ئارمىيە قۇماندانى ئابدۇلفەتتاھ بورھان ئا ق ش ۋە مىسىرلىق قوشنىسىنى ھۈركۈتۈپ قۇيۇشتىن ساقلىنىشقا كۈچ چىقىرىپ، بازا قۇرۇلىشىنى توختۇتۇپ قويدى.
- – «مىيدىل ئىيست» نەقىل قىلغان غەرىب دوكىلاتلىرىنىڭ دېيىشىچە، ۋاگنىر گۇرۇپپىسىنىڭ سۇداندىكى مەۋجۇتلىقى «تىز ياردەم بىرىش قىسمى» قۇماندانىغا باغلىنىشلىق. شۇنداقلا، ھەمىيدەتىنىڭ، ئوكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشى بىلەن زىيارەت قىلغان موسكىۋا بىلەن زىچ ئالاقىسى بار. موسكىۋا ئونىڭغا دېڭىز ئارمىيە بازىسى قۇرۇش تەكلىپىنى قايتا ئوتتۇرغا قويدى. بىراق بورھان روسىيەنىڭ تەكلىپىگە قارشى ھالدا قالدى.
- يەنە بىر تەرەپتە، سۇداندىكى دېموكراتىك ئۆگىرىشنى قوللىغان بولسىمۇ، ھەمىيدەتىنىڭ روسقا مايىللىقى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقىسى-ئا ق ش نى بورھان ۋە ئارمىيە كۈچلىرىگە يېقىنلىشىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. بولۇپمۇ، قاھىرەنىڭ، قاھىرەدە تۇرۋاتقان سابىق ئىستىخبارات باشلىقى، ئۆتكەن قەھىرتان (1-ئاي) دا سۇدان ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ (مىيدل ئىيت ئەي نىڭ خەۋىرىگە كۆرە) ۋاشىنگىتوننى زىيارەت قىلىشىغا يول ھازىرلىغان سىلاھ قوش ئارقىلىق بورھاننى قوللاۋاتقان كۈچ بىلەن ۋاشىگىتوننىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە ئىزچىل ئۇرۇنىۋاتقان ئەھۋالدا تېخىمۇ شۇنداق.
ھازىر بولىۋاتقان ئىشلار ئىككى ئىھتىماللىقا ئاپىرىدۇ:
- سىرتنىڭ ئارلىشىشى ۋە ۋاستىلىق قىلىشى بورھان بىلەن ھەمىيدەتى ئارىسىدىكى ھالەتنى قايتا رەتلەيدۇ.
- ئارمىيە بىلەن «تىز ياردەم بىرىش قىسمى» ئوتتۇرسىدىكى تۇقۇنىشنىڭ داۋاملىشىشى ۋە تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىش. بۇ بىزنى مۇشۇ ھەربىي تۇقۇنىشنىڭ بىر قانچە سىنارىيولىرى ئالدىغا قويىدۇ.
ھەربىي تۇقۇنۇش
جەڭ ئۈچۈنچى كۈنىگە قەدەم قۇيۇش بىلەن بىرگە، بولۇپمۇ، ئارمىيە بىلەن «تىز ياردەم بىرىش قىسمى» ئوتتۇرسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ زور دەرىجىدە زىتلىقى ۋە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش يۈلىنىشىنى كونترول قىلغانلىقىنى داۋا قىلىشى نەتىجىسىدە، خارتۇمنىڭ ئىچى ھەمدە سۇداننىڭ باشقا رايونلىرىنىڭ ھەقىقى ۋەزيىتى ۋە تۇقۇنىشنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى گۇڭگا ھالەت داۋاملاشماقتا. تۇقۇنىشۋاتقان تەرەپلەردىن چىقىۋاتقان بايانات ۋە خىتاپلار ، ھەممە تەرەپ سۇدان ئىچى-سىرتىدىكى قوللىغىچىلىرىغا ئۆزىنىڭ يەنە بىر تەرەپتىن ئۈستۈنلۈكتە ئىكەنلىكىنى، بىر قانچە سائەت ياكى كۈندە تۇقۇنىشنىڭ ھەل قىلغۇچ نوقتىسىغا يېقىنلىشىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەپ بىرىدىغان، ئىككى تەرەپ ئۇتتۇرسىدىكى پىسخىكا-تەشۋىقات ئۇرۇشىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.
خارتۇم ئىچى ھەمدە دۆلەتنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك قۇرۇلۇشلىرى ۋە مۇھىم ھەربىي بازىلار ئەتراپىدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدىكى پارتىزانلىق ئۇرۇشى داۋاملىشۋاتقان ۋاقىتتا، ھازىرغىچە بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپتىن ئۈستۈن كەلگەندەك ئەمەس. بەزى رايونلاردا نىسبىي ئەۋزەللىك «تىز ياردەم بىرىش قىسمى» دا بولسىمۇ، ئارمىيەنىڭ تەشكىلى ۋە كۈچى ئالدىدا يىمىرىلىشى يىراق ئەمەس.
تۇقۇنىشۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ئىمكانىيىتىگە نەزەر
سۇدان ئارمىيەسى
- خەلىقئارادا كۈچ ۋە تەرتىپ جەھەتتە 75- ئورۇندا
- ئەسكەر سانى 200000 (ئىككى يۈز مىڭ) ئەتراپىدا (ۋەزىپىدە 100000 – زاپاس ئەسكەر 50000 – يىرىم ھەربىي قىسىم 55000)
- – 191 ئايروپىلان، 170 تانكا، 7000 ئاپتومۇبىل بار
- دۆلەتنىڭ ھەممە يىرىگە دېگىدەك تارقالغان
تىز ياردەم بىرىش قىسمى
- 100000 ئەتراپىدا ئەسكەر
- – 10000 ئەتراپىدا تۆت چاقى كۈچەيدىغان ئاپتوموبىل
- ئۇس (ئۇچقۇ سۇقار) ۋە بەزى زەمبىرەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىلمۇخىل قۇراللار
- خارتۇم ۋە چىگرا رايونلىرىغا مەركەزلەشكەن، ئالتۇن كانلىرىنى كونترول قىلىدۇ.
تۇقۇنۇش مىزانىدىكى مۇھىم نوقتىلار
سۇدان ئارمىيىسى نىسبىي ئارتۇقچىلىققا ئىگە. چۈنكى ھاۋا قۇراللىرى، تانكا-برونىۋىك ۋە زەمبىرەكلەر زەربىدار كۈچ ھېسابلىنىدۇ. «تىز ياردەم بىرىش قىسمى» بولسا، سۇدان ئارمىيىسىگە قارشى تۇرۇشتا يىتەرلىك بولمىغان ساس (ساۋۇتلۇق سۇقار)، ئۇس (ئۇچقۇ سۇقار) راكىتالىرى بىلەن بىرگە، تىز سۈرئەتلىك ئەسكەر تۇشۇغۇچىلارغا تايىنىدۇ.
ئەكىسچە، «تىز ياردەم بىرىش قىسمى» نى، بولۇپمۇ يەمەندىكى ئۇرۇشقا قاتنىشىپ تەجرىبە توپلىغاندىن كىيىن، يوقرى سەۋىيەلىك جەڭ قىسمىغا ئايلاندى، دەيدىغانلامۇ بار. شۇنداقلا، ئارمىيە قۇراللىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى شەھەر ئىچىدە ئۈنۈملۈك ئشلىتىش مۇمكىن ئەمەس. ھەمدە «تىز ياردەم بىرىش قىسمى» ھەرىكەت، چىكىنىش ۋە ھۇجۇمدا ئالاھىدە چاققانلىققا ئىگە.
سۇدان خەلقىنىڭ بىر قىسمى خەلق ھاكىمىيىتى چۈشەنچىسىنى قوللايدىغان «تىز ياردەم بىرىش قىسمى» نىڭ يېنىدا بولىدۇ، ئارمىيە بولسا بەزى ئىسلامىي كۈچلەرنىڭ ياردىمىگە ئىرىشىدۇ، دەيدىغانلارمۇ بار.
ئىككى تەرەپ رازى بولغىدەك ھەل قىلىش چارىسىگە ئۇلاشمىغان ئەھۋالدا، تۇقۇنىش نەتىجىسىنىڭ مۆلچەرلەنگەن سىنارىيەسى
ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا تىنچلىق ئورنۇتىش ئۈچۈن ئىچكى ياكى تاشقى ئەپلەشتۈرۈش تىرىشچانلىقى مەغلۇپ بولغان ئەھۋالدا، ئالدىمىزدا تۇقۇنىشنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بىر قانچە تاللاشلار ئاشكارە بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىكى:
- ئارمىيەنىڭ ئۈزۈك كىسىل غەلبە قىلىشى ۋە جەڭنىڭ «تىز ياردەم بىرىش قىسمى» قالدۇقلىرى بىلەن بەزى چىگرا رايونلىرىغا يۆتكۈلىشى.
- 2. «تىز ياردەم بىرىش قىسمى» نىڭ ئارمىيە قۇماندانلىرىنى ئۆلتۈرۈش ياكى قولغا ئېلىش ۋە ئىستىراتىگىيىلىك ئورونلارنى ئىگەللەش ئارقىلىق غەلبە قىلىشى.
- لىۋىيە ئۈلگىسى: بىر تەرەپنىڭ خارتۇمنى كونترول قىلىشى ھەمدە تۇقۇنىشنىڭ باشقا رايونلاردا داۋاملىشىشى ۋە قەبىلە تۇقۇنىشىغا كىرىش ياكى باشقا قۇراللىق گوروھلارنىڭ تۇقۇنىشقا ئارلىشىشى.