رۇسىيە بىخەتەرلىك شىركىتى ۋاگنېرنىڭ قۇرغۇچىسى يېۋگېنىي پرىگوجىن ئوق- دورا بېرىلمىگەچكە، 10- ماي ئۇكرائىنانىڭ باخمۇت رايونىدىن چېكىنىشنى قارار قىلغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
يېۋگېنىي پرىگوجىن ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا، شىركەتنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئوق- دورا مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بىر سىن كۆرۈنۈشىنى تارقاتتى.
يېرىم كېچىدە ئېلان قىلىنغان سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق يېقىندا ئۆلتۈرۈلگەن ۋاگنېر جەڭچىلىرىنىڭ جەسىتىنى كۆرسەتكەن پرىگوجىن، بۇ جەڭچىلەرنىڭ بىرلىرىنىڭ پەرزەنتى، يەنە بەزىلىرىنىڭ بىرلىرىنىڭ دادىلىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
پىرىگوجىن جەڭچىلەرنىڭ ئوق- دورا كەمچىللىكى سەۋەبىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئوق- دورا بىلەن تەمىنلىمىگەنلەرنىڭ «دوزاختا كۆيىدىغانلىقى»نى ئېيتتى.
ئۇ غەزەپ بىلەن ۋارقىراپ تۇرۇپ: «بىزنىڭ %70 ئوق – دورىمىز كەمچىل. (رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي) شويگۇ! (باش ئىشتاب باشلىقى ۋالېرىي) گېراسىموف! ئوق-دورا قەيەردە؟ بۇلارغا (يەردىكى جەسەتلەرگە) قاراڭلار!» دېدى.
پرىگوجىن ئوق- دورا بېرىلمىگەن بولغاچقا، 10- ماي ئۇكرائىنانىڭ باخمۇت رايونىدىن چېكىنىشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
2022- يىلى 2- ئاينىڭ 24- كۈنى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈشى بىلەن رۇسىيە- ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلىنىپ كەتكەنىدى.
پۇتىن كىيېۋنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتوغا ئەزا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى رۇسىيەنىڭ تەسىر دائىرىسى ئىچىدە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇكرائىنانى ھەربىيسىزلەشتۈرۈپ، ناتسىستلارنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى.