تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا چاقىرىلغان تۆت تەرەپ يىغىنىدىن كېيىن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان ۋە سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فايسال مىقداد ئىشتىراك قىلغان يىغىندا، مىنىستىرلارنىڭ تۈركىيە بىلەن سۈرىيەنىڭ دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋىتىنى جانلاندۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەر جەھەتتىن ئوچۇق مۇلاھىزە قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان باياناتتا: «ئىشتىراكچىلار ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254- نومۇرلۇق ھۆججىتى بىلەن <ئاستانە فورماتى> يىغىنلىرى دائىرىسىدە ئېلان قىلىنغان رەسمىي باياناتلارغا ئاساسەن، سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە تېررورىزمنىڭ بارلىق شەكىل ۋە ئىپادىلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقلىرىنى جەزملەشتۈردى.
سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئۆز ۋەتىنىگە ئىختىيارى، بىخەتەر ۋە ئىززەت-ھۆرمىتى ساقلانغان ھالدا قايتىپ كېتىشلىرىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە توقۇنۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشقا قولايلىق يارىتىش ئىشلىرىدا سۈرىيەگە بېرىلىدىغان خەلقئارا ياردەمنى كۈچەيتىشنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەندى.
ئىشتىراكتچىلار يەنە، تۈركىيە – سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرلىرى بىلەن تۆت دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە ئىستىخبارات تارماقلىرىنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىپ يول خەرىتىسى تەييارلىشى توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرۈش قارار قىلىندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
باياناتتا، مىنىستىرلارنىڭ يىغىندىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشىنىڭ «ئىجابىي ۋە بەرپاچى كەيپىيات» ئىچىدە ئۆتكەنلىكى، مىنىستىرلارنىڭ يەنە ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردىمۇ ھازىرقى تۆت تەرەپ يىغىنى شەكلىدىكى يۇقىرى قاتلاملىق ئالاقە ۋە تېخنىكىلىق سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.