ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي 2022-يىلى 24- فېۋرالدا باشلانغان ئۇرۇشتا، رۇسىيەگە قارشى ھۇجۇم ئۈچۈن چوڭ ئىرادە بىلەن تەييارلىق قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
زېلېنسكى ئىتالىيەنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، گېرمانىيەگە يېتىپ باردى.
زېلېنسكى ئىتالىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرى جەريانىدا ئىتالىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
زېلېنسكىي ئۇرۇشتا رۇسىيەگە قارشى ھۇجۇم ئۈچۈن چوڭ ئىرادە بىلەن تەييارلىق قىلغانلىقىنى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇھىم قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىنى ۋە شۇنداق قىلىش ئىرادىسىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
زېلېنسكىي ئەگەر ئۇكرائىنا ئارمىيەسى قىرىم چېگراسىغا يېتىپ بارغان تەقدىردە، رۇسىيەدە پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىنغا بولغان قوللاشىنىڭ ئازلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
زېلېنسكىي خىتاي پىرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتى ئۈستىدە توختىلىپ، شىنىڭ ئۆزىگە رۇسىيەنى قورال بىلەن تەمىنلىمەيدىغانلىقىنى ۋە روسىيەنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.
زېلېنسكىي ئىتالىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە پىرېزىدېنت سېرگىيو ماتتارېللا، باش مىنىستىر گىئورگىيا مېلونى ۋە پاپا فىرانچىس بىلەن كۆرۈشتى. ئاندىن گېرمانىيەگە يېتىپ باردى.
گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىناغا 3 مىليارد دوللارلىق ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مەيداندا بولسا شىددەتلىك توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.
رۇسىيەنىڭ بىريانسك شەھىرىدە بىر ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە تىك ئۇچار ئېتىپ چۈشۈرۈلدى.
ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باھمۇتتا ئىككى يۆنىلىشتە ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
باياناتتا شەھەر مەركىزىدىكى ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپ ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.