جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە 28-نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىغا بېلەت تاشلاش پائالىيىتى تۈركىيە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 08:00 دە باشلىغانچە چۈشتىن كېيىنن سائەت 17:00 دە ئاخىرىلىشىدۇ. بۈگۈن تۈركىيەدە 60 مىليون 697 مىڭ 843 سايلىغۇچى بېلەت تاشلايدۇ.
چەت ئەلدىكى ۋاكالەتخانىلاردا بېلەت تاشلاش پائالىيىتى 9-مايدا ئاخىرلاشتى. چەت ئەللەردە بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە بېلەت تاشلىيالمىغانلارنىڭ تاموژنا ئېغىزلىرىدا بېلەت تاشلاش تەرتىپى بۈگۈن سائەت 17:00 گىچە داۋاملىشىدۇ.
جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنىڭ بېلىتىدە رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مۇھەررەم ئەنجى، كەمال كىلىچدارئوغلۇ ۋە سىنان ئوگاننىڭ ئىسمى بولىدۇ. لېكىن بۇ نامزاتلاردىن بىرى بولغان مۇھەررەم ئىنجى 11-مايدا ئۆزىنىڭ نامزاتلىقتىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بېلەتلەرنى بېسىش ۋە تارقىتىش تاماملىنپ بولغان بولغاچقا ئۇنىڭ رەسىمى ۋە ئىسمى بېلەتتە كۆرۈنۈشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
28-نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرىنى بېكىتىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلامدا بولسا، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 24 سىياسىي پارتىيەنىڭ نامزاتلىرى ۋە 151 مۇستەقىل پارلامېنت ئەزاسى نامزاتى رىقابەتكە چۈشىدۇ.
سايلىغۇچىلار جۇمھۇر رەئىس ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنى تاللىغان ئىككى ئايرىم بېلەتنى ئوخشاش بىر كونۋېرتقا قويۇپ، بېلەت ساندۇقىغا تاشلايدۇ. ئەگەر جۇمھۇر رەئىس نامزاتلىرىنىڭ ھېچبىرى مۇتلەق كۆپ سانلىققا ئېرىشەلمىسە، 28-مايدا ئىككىنچى قېتىملىق بېلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.