خىتاي بايرىقى ئېسلغان بىر بېلىقچىلىق پاراخوتى ھىندى ئوكياندا سۇغا چۆكۈپ كەتتى. پاراخوتتىكى 17 خىتاي، 17 ھىندونېزىيەلىك ۋە بەش فىلىپپىنلىق توغرىسىدا ھېچقانداق خەۋەر يوق.
خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدە تىزىمغا ئالدۇرۇلغان «8-لۇپېڭلەييۇەنيۇ» ناملىق پاراخوتنىڭ ئىز-دېرىكى تېخى ئېنىقلانمىغان بولسىمۇ ، ئىزدەش خىزمىتى داۋاملاشماقتا.
فىلىپپىن ساھىل بىخەتەرلىكىمۇ بۇ ئەھۋالنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ مانىلادىكى ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانلىقىنى، ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ پاراخوت ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈلگەن رايونغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
رايوندىكى ئەڭ چوڭ بېلىقچىلىق فلوتىغا ئىگە خىتايدا، ساھىل بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بېلىقچىلىق پاراخوتلىرى پات-پات خەلقئارالىق دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرىدۇ.
گەرچە ۋەقەنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارالىق دېڭىز تەۋەلىكىدىكى بوران ۋە يۇقىرى دولقۇننىڭ بۇنداق ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى مەلۇم.
بەزى خەۋەرلەردە، پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 39 نەپەر ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە ئىزدېرىكى بولمىغان.