قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن نورماللىشىشقا ئۇرۇنۇشلار ھەققىدە بايانات بەردى.
ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن نورماللىشىشقا ئۇرۇنۇشلىرى ياڭرىماقتا.
قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇراخمان ئەلسانى بۈگۈن قىلغان باياناتىدا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن نورماللىشىش ئۇرۇنۇشلىرىنى باھالىدى.
قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېلىشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ، ئەمما ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بىردەك قارارىغا قارشى تۇرمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئەل سانى ھەر بىر دۆلەتنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن نورماللىشالايدىغانلىقىنى بايان قىلدى ۋە سۈرىيە مەسىلىسىنى ئەتراپلىق ھەل قىلىشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىدى.
كۆپ يىللاردىن بۇيان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن نورماللىشىشقا قارشى تۇرىدىغان سىياسەتنى يولغا قويغان قاتار ، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيەتنى قايتىدىن ئىتتىپاققا قوبۇل قىلىش قارارىغا قارشى تۇرمىدى.