زېلېنسكىي ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، گ 7 دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلەر ئۇچرىشىشى ئۈچۈن ياپونييەگە بارغانلىقى ۋە ياپونىيەنىڭ خىروشىما شەھىرىدىكى ئۇچرىشىشلىرى ئۈستىدە توختالدى.
زېلېنسكىي ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى رىشى سۇناك بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە ئەنگىلىيەنىڭ «خەلقئارا جەڭچىلەر بىرلەشمىسى» دىكى رەھبەرلىكى ئۈچۈن رەخمەت ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.
14-مايدىكى ئەنگىلىيە زىيارىتى جەريانىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىملەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى توغرىسىدا سۇناك بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى تىلغا ئالغان زېلېنسكىي، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
زېلېنسكىي ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئورگىيا مېلونى بىلەنمۇ كۆرۈشكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، ئىتالىيەنىڭ دۆلىتىگە قىلغان سىياسى ۋە مۇداپىئە جەھەتتىكى ياردىمىنى شۇنداقلا يېقىنقى ئىتالىيە زىيارىتىنىڭ تۇنجى نەتىجىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى بىلدۈردى.
زېلېنسكىي يەنە ئۇچقۇچىلارنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى دۆلەتنىڭ ھاۋا مۇداپىئە ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا بولغان ئېھتىياجلارنىمۇ مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى ئېيتتى.
ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودىمۇ 2022 – يىلى 24 – فېۋرالدا ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان زېلېنسكىي بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن بولدى.
زېلېنسكىي ئۇچرىشىشىتا ئۇكرائىنا تىنچلىق فورمۇلا تەشەببۇسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ۋە ھىندىستاننى بۇ تەشەببۇسنىڭ يولغا قويلىشىغا ھەسسە قوشۇشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
زېلېنسكىي ئۇكرائىنانىڭ مىنا تازىلاش ۋە كۆچمە دوختۇرخانا ئېھتىياجى بارلىقىنى تەكىتلەپ، «دۆلىتىمىزنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مۇنبەرلىرىدە قوللىغانلىقى ۋە ئۇكرائىناغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمدە بولغانلىقى ئۈچۈن ھىندىستانغا رەخمەت ئېيتىمەن» دېدى.