ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ تىنچ ئوكياندا تەسىر كۆرسىتىش كۈرىشى داۋاملاشتۇرۇۋاتقاندا ، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى پاپۇئا يېڭى گۋىنىيەسى بىلەن مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالىدى.
ئامېرىكا بىلەن پاپۇئا يېڭى گۋىنىيىسى ئوتتۇرىسىدا ئىككى تەرەپلىك مۇداپىئە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونىي بىللىنكېن پاپۇئا يېڭى گۋىنىيەنىڭ پايتەختى مورېسبى پورتىنى زىيارەت قىلغاندا باش مىنىستىر جامېس ماراپې بىلەن كۆرۈشتى.
ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشتىن كېيىن ، دېڭىز بىخەتەرلىك كېلىشىمى شۇنداقلا مۇداپىئە ھەمكارلىقىغا ئىمزا قويدى.
گەرچە كېلىشىمدە قايسى ماددىلارنىڭ بارلىقى تېخى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ ، ئەمما تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى مۇداپىئە ھەمكارلىقى ئامېرىكىنىڭ پاپۇئا يېڭى گۋىنىيەسىگە ھەربىي ئەسلىھەلەر ئۇرۇنلاشتۇرۇشقا قۇلايلىق يارىتىدۇ دەپ قارالماقتا.
يەنە بىر تەرەپتىن ، پاپۇئا يېڭى گۋىنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدا ، بۇ كېلىشىمنىڭ دۆلەتنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ، چۈنكى كەلگۈسىدە چېگرا مۇزاكىرىلىرىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
يۇقىرىدا ماقۇللانغان كېلىشىم رەسمىيلىشىشى ئۈچۈن پاپۇئا يېڭى گۋىنىيىسى پارلامېنتى تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى كېرەك.
تىنچ ئوكياندا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا رىقابەت كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئۆتكەن يىلى سۇلايمان تاقىم ئارىلى بىلەن بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالىغان ئىدى.