ئاسىياباشبەتخەلقئارا خەۋەرلەرياۋروپا

كورېيە بىلەن ئامېرىكا چاۋشيەن چېگراسىدا ھەقىقىي ئوق-دورا بىلەن مانېۋىرى باشلىدى

كورېيە ۋە ئامېرىكا ئارمىيىسى چاۋشيەن چېگراسىدا ھەقىقىي ئوق-دورا بىلەن كەڭ كۆلەملىك مانېۋىر باشلىدى.

چاۋشيەن باياناتىدا ، مانېۋىرنىڭ «دۈشمەن» ئىشغالىيەت رېپېتىتسىيەسى دەپ تەسۋىرلەنگەن بولسىمۇ ، ئەمما بۇنداق ئىشقا يول قويمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كورېيە ۋە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ چاۋشيەن چېگراسىدا ھەقىقىي ئوق-دورا بىلەن بىرلەشمە مانېۋىرىنىڭ تۇنجى باسقۇچى بۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ مانېۋىرنىڭ 5 باسقۇچتىن تەركىب تاپقانلىقى ۋە 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاخىرلىشىدىغانلىقى بايان قىلىندى.

پيوڭياڭ ھۆكۈمىتى بولسا سېئۇل بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى بۇ مانېۋىرغا ھەر ۋاقىتتىكىگە ئوخشاش باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە باشقا قوراللارنى سىناق قىلىش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇردى.

چاۋشيەن 2022-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ 100 دىن ئارتۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ، پيوڭياڭ ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدا بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئامېرىكا ۋە كورېيە بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان مانېۋىرغا جاۋابەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button