ياۋروپا سىياسىي گەۋدىسى باشلىقلار يىغىنى چاقىرىلغان مولداۋىيەنىڭ بۇلبواكا بازىرىدىكى تارىخىي مىمى قەلئەسىدىكى بەش تەرەپ يىغىنىغا ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان، ياۋروپا كېڭىشى باشلىقى چارلېز مىشېل، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز قاتارلىقلار قاتناشتى.
ياۋروپا كېڭىشى رەئىسى مىشېل يىغىن ھەققىدە بايانات بېرى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا مۇزاكىرە قىلىنغان تىنچلىق كېلىشىمى، قاتناش، بىخەتەرلىك ۋە چېگرا ئايرىش قاتارلىق بارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە رەھبەرلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان كېلەر قېتىملىق يىغىننىڭ 7- ئاينىڭ 21- كۈنى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان مىشېل: «مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللاشتۇرۇلۇشى يولىدىكى بارلىق ئىجابىي تىرىشچانلىقلارنى قوللايمىز» دېدى.
ئەلىيېۋ، پاشىنيان، ماكرون ۋە شولز بىلەن ياۋروپا سىياسىي گەۋدىسىنىڭ كۈزدە ئىسپانىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان كېلەر قېتىملىق يىغىنى ئەسناسىدىمۇ قايتا كۆرۈشۈشنىڭ قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن مىشېل، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللىشىغا ياردەم قىلىش ۋە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.