باش كاتىپ يېنس ستولتېنبېرگ ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ F16 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا تاپشۇرۇلۇشىنىڭ ئۇچقۇچىلارنىڭ مەشىقىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىي مەيداندىكى ئۆزگىرىشلەرگە مۇناسىۋەتلىك مۇھاكىمىلىرىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
دانىيە بىلەن گوللاندىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىلىرىنى F16 كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئىشلىتىش بويىچە مەشىقلەندۈرۈشى توغرىسىدا توختالغان ستولتېنبېرگ، ئۆزىنىڭ بۇ ئەھۋالدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ F16 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا قاچان تاپشۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «بۇ ئىشنىڭ تولۇق مەنىدە قاچان ئىشقا ئاشىدىغانلىقى، ئەلۋەتتە مەشىقنىڭ قانچىلىك داۋاملىشىدىغانلىقى ۋە بىزنىڭ ئېھتىياجلارغا ئالاقىدار مۇھاكىمىلىرىمىزگە باغلىق» دېدى.