بايدىن كالىفورنىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتنىڭ زىياپەت زالىدا سۆز قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ 2- ئايدا ئامېرىكا ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەن خىتاي «جاسۇس شارى»نىڭ چۈشۈرۈۋېتىلىشىگە قايتۇرغان ئىنكاسىنىڭ «شارنىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقى»نى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مەن ئەستايىدىل (دەۋاتىمەن)، نېمە بولغانلىقىنى بىلمەسلىك مۇستەبىتلەر ئۈچۈن ئېغىر نومۇس قىلارلىق ئىش ھېسابلىنىدۇ» دېدى.
شىنىڭ شار ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىدا ئېتىپ چۈشۈرۈلگەندە «نومۇس قىلغانلىقى»نى ۋە «شارنىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىدىنمۇ بىخەۋەر ئىكەنلىكى»نى تىلغا ئالغان بايدىن: «ئەڭ مۇھىم نۇقتا، نۆۋەتتە قايتىدىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغان ئەھۋالدا بولۇشى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
بايدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېننىڭ خىتاي زىيارىتىنى «ياخشى» ئېلىپ بارغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ ياخشىلىنىشىغا ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن يەنە، خىتاينىڭ ئېغىر ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «خىتاي ئۈچۈن ئەندىشە قىلىڭلار، ئەمما خىتاي ھەققىدە ئەندىشە قىلماڭلار» دېدى.
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ھىندىستان ۋە ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى تۆت دۆلەت ئىتتىپاقىدىنمۇ بىئارام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بايدىن، شىنىڭ ئۆزىگە تېلېفون قىلىپ، بۇنى قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.