موسكۋانىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي ھەمراھى بولغان بېيجىڭ 5-ئايدا روسىيەدىن 9 مىليون 710 مىڭ توننا نېفىت ئىمپورت قىلىنغانلىقىنى، 2022-يىلىدىكى بەشىنچى ئايغا سېلىشتۇرغاندا بىر ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان نېفىتنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
خىتاينىڭ 5-ئايدىكى تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرىدا روسىيەنىڭ نېفىت ئىمپورتى رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىشى، بېيجىڭنىڭ كۈنسېرى يېتىم قالغان كرېمىل سارىيىغا «ئىقتىسادىي ھاياتلىق» بىلەن تەمىنلىگەنلىك دەپ ئىزاھلاندى.
3-ئايدىكى ئىككى رەھبەر قاتناشقان باشلىقلار يىغىنىدا ، شى جىنپىڭ ۋە روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۆزلىرىنىڭ «چېگراسىز» شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تەبرىكلىدى ھەمدە 2023-يىلغا بارغاندا سودىنى 200 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشكە ۋەدە بەردى.