ئىگىلىنىشچە ، زىددىيەت كۈچىيىپ ، ياللانما ئەسكەر ۋاگنېر بىلەن روسىيەدىكى دائىملىق ئارمىيە ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
ئىگىلىنىشچە ، ياللانما شىركەت ۋاگنېر بىلەن روسىيەدىكى دائىملىق ئارمىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملاشقان زىددىيەت توقۇنۇشقا ئايلانغان.
بۈگۈن كەچتە ، ۋاگنېر رەھبىرى يېۋگېنىي پرىگوجىن ۋاگنېرغا تەۋە لاگېرنىڭ روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
روسىيەدىكى ئارمىيە بىلەن ياللانما ئەسكەر شىركىتى ۋاگنېر ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش تەرەققىياتى تۆۋەندىكىچە:
روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى، ئۆزلىرىنىڭ ۋاگنېر قىسىملىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى رەت قىلدى.
روسىيە مەنبەلىرى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ چېكىدىن ئاشقانلىقى ۋە توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى. بەزى مەنبەلەر بۇ ۋەقەنى «سىياسىي ئۆزگىرىش» دەپ تەسۋىرلىدى.
كېرمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ ، «پۇتىن ۋاگنېرنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ئۇقتۇرۇشىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ۋە زۆرۈر تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىلىدىغانلىقىنى» كۆرسەتتى.
روسىيە ئىچكى بىخەتەرلىك ئورگىنى FSB مۇ پرىگوجىن ۋە ۋاگنېرنى «سىياسىي ئۆزگىرىش» بىلەن ئەيىبلەپ ، تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى بايان قىلدى.
FSB ۋاگنېر ئەزالىرىغا پرىگوجىننىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلماسلىقنى مۇراجىئەت قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن ، رايون مەنبەلىرى ۋاگنېر ماشىنا ئەترىتىنىڭ ئۇكرائىنادىن روسىيەگە كىرىشكە باشلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يەنە بىر تەرەپتىن ، روسىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېرالى ، ئالەم قاتنىشى قىسمىنىڭ قوماندانى سېرگېي سۇروۋىكىن ۋە روسىيە ھەربىي ئاخبارات ئورگىنى GRU نىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ۋىلادىمىر ستېپانوۋىچ ئالېكسېف ۋاگنېر قىسىملىرىنى «قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر قەدەم چېكىنىش» كە چاقىرغان سىنلارنى ئېلان قىلدى.
رۇسىيەدە جىددىيلىك داۋاملاشماقتا. روسىيە دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ ۋاگنېرغا تەۋە بىر قىسىم مەركەزلەرنى قورشىۋالغانلىقى ، ۋاگنېر قىسىملىرىنىڭ دۆلەت ئارمىيە رەھبەرلىرىگە قارشى ھەرىكەت قوللانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
پايتەخت موسكۋا كوچىلىرىدا برونىك ھەربىي ماشىنا كۆپەيدى.
ئامېرىكا روسىيەدىكى ئەھۋاللارنى يېقىندىن كۈزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنا ئارمىيىسى باخمۇتقا تۇيۇقسىز ھۇجۇم باشلىدى.
ۋاگنېر: 400 ماشىنىدىن تەشكىل تاپقان ماشىنا ئەترىتى مىللېروۋا شەھىرىدىن موسكۋاغا قاراپ يۈرۈش قىلىشقا باشلىدى