5.6K
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، ئامېرىكا بىلەن 3 مىليارد دوللارلىق كېلىشىم تۈزۈش ئارقىلىق ئۈچىنچى F-35 ئالۋاستى كۈرەشچى ئايروپىلانى سېتىۋېلىشنىڭ تەستىقلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۇ ئايروپىلانلارنىڭ ئىسرائىلىيەگە ئامېرىكا بەرمەكچى بولغان مۇداپىئە ياردىمى يۈرۈشلۈك مەبلىغى بىلەن تەمىنلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان باياناتتا يەنە، ئەڭ يېڭى زاكاس بىلەن ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئامبىرىدىكى F-35 تىپلىق ئايروپىلانلار سانىنىڭ 75 كە كۆپىيىدىغانلىقى، ئەترەت سانىنىڭمۇ ئۈچكە چىقىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكا سابىق پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ دەۋرىدە تېل ئاۋىۋغا 2017-يىلدىن 2028-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا 38 مىليارد دوللارلىق ياردەم بېرىش ۋەدە قىلىنغان ئىدى.