فرانسىيە ساقچىلىرى 5 كۈندىن بېرى داۋاملاشقان نامايىشتا پايتەخت پارىژ قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلەردە بۇلاڭچىلىق ۋە تالان تاراج قىلىش ۋەقەلىرىگە قارىتا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى. پارىژنىڭ داڭلىق شېنزېلىز كوچىسى تارقاقلاشتۇرۇلدى.
پۈتۈن كۈن بويىچە ئۈزۈلمىگەن توقۇنۇشلار كېچىچىمۇ داۋاملاشتى. نامايىش جەريانىدا نۇرغۇن ئاپتوموبىللارغا ئوت قويۇپ بېرىلدى. ۋەقەلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن 45 مىڭ ساقچى ۋە ژاندارما خادىمى ئارىلاشماقتا.
كېچىدە 300 دىن ئارتۇق نامايىشچى قولغا ئېلىندى، ئومۇمي قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى 2000 دىن ئېشىپ كەتتى.
نامايىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۈچى يەتمىگەن فىرانسىيە ھۆكۈمىتى، يېڭى بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويۇشقا تەييارلىق قىلماقتا.
نەق مەيدانغا برونېۋىك ۋە ياردەمچى قىسىملار يوللاندى. ۋەقەلەردە ھازىرغا قەدەر 1300 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىلغا ۋە 230 دىن ئارتۇق بىناغا ئوت قويۇپ بېرىلدى. كەم دېگەندە 30 ساقچى پونكىتى ۋە 11 ژاندارما پونكىتى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. ئاممىۋى رايونلاردىمۇ 2 مىڭ 560 جايغا ئوت قويۇپ بېرىلدى.
فىرانسىيەدىكى ۋەقەلەرنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن جىددى ھالەت ئېلان قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تاللاشلار مۇزاكىرە قىلىنماقتا.
فىرانسىيەدە كېچىلىرى كوچىغا چىقىش چەكلەنگەن شەھەرلەرنىڭ سانى 10 غا يەتتى.
يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيەنىڭ ئارقىدىن ئەزەربەيجانمۇ نامايىش داۋام قىلىۋاتقان فىرانسىيەگە ساياھەتكە بارىدىغان پۇقرالىرىنى «ئىنتايىن ئېھتىياتچان» بولۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
ساقچىلار 27 – ئىيۇندا نەنتېررې رايونىدا ئىچىدە 3 كىشى ئولتۇرغان ۋە <توختا!> دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشقا بويسۇنمىغان ئاپتوموبىلغا ئوق چىقارغان بولۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ 17 ياشلىق شوپۇرى ساقچىنىڭ ئوقىدا ئۆلگەن ئىدى.
ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلانغان بولسىمۇ، نائېلنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن خەلقئ ئاممىسى فىرانسىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە كوچىلارغا چىقىپ ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان ئىدى.