6K
بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكو شىۋېيتسىيەدە قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ «ئەخمەقلىق» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكو پايتەخت مىنىسكتا ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېگى ئىراقلىق سالۋان مومىكانىڭ شىۋېيتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئەخمەقلىقتۇر. بۇنى ھۆكۈمەتنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىشنىڭۇ نېمە ھاجىتى بار؟ شىۋېيتسىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئالدىنى ئالالماسمىدى؟ ئەلۋەتتە ئالدىنى ئالالايتتى. ئەمما ئۇلار بۇنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى. ھالبۇكى، ئىچكى ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنىڭ ھاجىتى يوق.»