ئاۋىستىرالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رىچارد مارلېس ئامېرىكىدىن 20دانە C-130J Hercules تىپلىق تىرانسىپورت ئايروپىلانى سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئاۋىستىرالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رىچارد مارلېس دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىدىن 6 مىليارد 600 مىليون دوللارغا 20دانە C-130J Hercules تىپلىق ترانسىپورت ئايروپىلانى سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مارلېس C-130J Hercules ئايروپىلانىنىڭ بىرىنچىسى 2027-يىلغىچە ئاۋىستىرالىيەگە يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. مۆلچەرلىنىشىچە ، ئامېرىكىدىن يەتكۈزۈلىدىغان يېڭى ئايروپىلان ئوخشاش تىپتىكى كونا ئايروپىلانلارنىڭ ئورنىنى ئالىدىكەن.
تىرانسىپورت ئايروپىلانلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى يېڭى جەنۇبىي ۋېلىش شىتاتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مارلېس بۇ ئايروپىلانلارنىڭ بۇ رايونغا «ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاشنى تارقاقلاشتۇرۇش» ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.