خىتاينىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يى پىلانلىق زىيارەتنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە 26-ئىيۇل چارشەنبە كۈنى ئەنقەرەگە كېلىدۇ. ۋاڭ يى يەنە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ ئىشتىن بوشىتىلغاندىن كېيىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن.
2013-يىلدىن 2022-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاينىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولغان ۋاڭ يى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2021-يىلى 25-مارت تۈركىيەگە كەلگەن ۋە پرېزىدېنت رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ، ئاندىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇ بىلەن كۆرۈشكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك باياناتىدا ، خىتاينىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكى بايان قىلىندى.
ئوخشاش باياناتتا ، ۋاڭ يىنىڭ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈشى «ئىككى تەرەپ نېگىزلىك مەنپەئەت مەسىلىسىدە داۋاملىق چۈشىنىشى ۋە قوللىشى كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى ۋە سىياسىي ئاساسنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىر-بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق مەسىلىسىنى تەكىتلىدى ».