ئۇكرائىنا قولغا چۈشۈرۈلگەن چاۋشيەندە ياسالغان ئوق-دورا ئىشلىتىپ روسىيە قىسىملىرىغا قارشى ئىشلىتىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
ئىگىلىنىشىچە ، ئۇكرائىنا ئارمىيىسى روسىيە ئامبارلىرىدىن چاۋشيەندە ياسالغان ئوق-دورىلارنى قولغا چۈشۈرگەن.
«پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئۇكرائىنا زەمبىرەك قىسىملىرى چاۋشيەندە ئىشلەپچىقىرىلغان ئوق-دورا بىلەن روسىيەنىڭ ئورنىنى ئۇرماقتا.
ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى چاۋشيەندە ياسالغان راكېتالارنىڭ ئۇكرائىنادىكى روسىيە ئەسكەرلىرىگە يەتكۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى «دوستانە دۆلەت» تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
خەۋەرگە قارىغاندا ، ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارلىرى چاۋشيەندە ياسالغان راكېتانىڭ رۇسىيە ئارمىيىسىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مەسلىھەتچىسى يۇرىي ساك «روسىيە ، چاۋشيەن ۋە ئىران قاتارلىق زالىملاردىن ئوخشىمىغان تىپتىكى ئوق-دورا سېتىۋالغان». دېدى.