رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنانى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا تارتىپ كىرىشكە ئۇرۇنۇشنىڭ رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە تۈپ تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
پۇتىن، سانت پېتېرسبۇرگدا ئۆتكۈزۈلگەن رۇسىيە- ئافرىقا باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.
ئۇ ئۇكرائىنادىكى مەسىلىنىڭ غەربتىكى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى رۇسىيەگە قارشى ئارىلاشما ئۇرۇش تەييارلىقى قىلىۋاتقان بەزى كۈچلەر تەرىپىدىن قوزغىتىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىينىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى چەكلەش پەرمانى ئېلان قىلغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتكەن پۇتىن: «بىز ئۆز نۆۋىتىدە سۆھبەتنى قەتئىي رەت قىلىپ باقمىدۇق، بىز ھەمىشە سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدۇق» دېدى.
ئۇكرائىنانىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەن مەزگىلدە مۇستەقىللىق خىتابنامىسى ئارقىلىق مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، ئۇ خىتابنامىدە، ئۇكرائىنانىڭ «بىتەرەپ دۆلەت» دەپ يېزىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن پۇتىن، بۇنىڭ موسكۋا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، غەربنىڭ ئۇكرائىنانى نېمىشقا ناتوغا سۆرەپ كىرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىزنىڭ قارىشىمىزچە، بىخەتەرلىكىمىزگە نېگىزلىك تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان ئامىل بۇ. چۈنكى بىزگە ئەسلىدىنلا دۈشمەن بولغان بىر ھەربىي ئىتتىپاقنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ چېگرالىرىمىزغا يېقىنلاپ كېلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
2022- يىلى 2- ئاينىڭ 24- كۈنى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈشى بىلەن، رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلىنىپ كەتكەنىدى.
پۇتىن كىيېۋنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى رۇسىيەنىڭ تەسىر دائىرىسىدە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇكرائىنانى ھەربىيلەشتۈرۈپ، ناتسىستلارنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.