شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن رۇسىيەدىكى رەسمىي زىيارىتى دائىرىسىدە پىرىمورسكىي رايونىدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئالاھىدە برونىك پويىزى بىلەن رۇسىيەدىن ئايرىلدى.
رۇسىيە <رىيا> خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىم جوڭئۇن پىرىمورسكىي رايونىدىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسدە رۇسكىي ئارىلىدىكى رۇسىيە يىراق شەرق فېدېراتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلغان.
كىم جوڭئۇن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ نىشانلىرى ۋە رۇسكىي ئارىلىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىپ، ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان شىمالىي كورېيەلىك 43 ئوقۇغۇچى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ سۈرەتكە چۈشكەن.
كىم جوڭئۇن ئاندىن «يىراق شەرقنىڭ كوچىلىرى» تېمىسىدىكى كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلىپ، پىرىمورسكىي رايونىدىكى شىركەتلەر ئىشلەپچىقارغان ۋە ئەۋرىشكىسى «ئالاھىدە مەشغۇلات رايونى» (ئۇكرائىنا) غا ئەۋەتىلگەن مەھسۇلاتلار توغرىسىدا مەلۇمات ئالغان.
پىرىمورسكىي رايونىنىڭ ۋالىيسى ئولېگ كوجېياكو كۆرگەزمە جەريانىدا كىم جوڭئۇنغا ھۇجۇمدىن مۇداپىئەلىنىش جىلىتكىسى ۋە 6 تىزگىنەكلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان كونترول سىستېمىسى سوۋغا قىلغان.
كىم چوڭئۇن كېيىن رۇسكىي ئارىلىدىكى پىرىمورسكىي سۇ ئاكۋارىيومىغا بېرىپ، ئۇ يەردە كىت، كەمچەت ۋە مورس قاتارلىق دېڭىز ھايۋانلىرىنى كۆرگەن.
چاۋشيەن رەھبىرى رۇسىيەنىڭ پىرىمورسكىي رايونىدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى تاماملاپ، ئالاھىدە برونىك پويىزى بىلەن رۇسىيەدىن ئايرىلغان.