Home خەلقئارا خەۋەرلەرئوتتۇر شەرىقسىسى مىسىرنىڭ ئىقتىسادىي كرىزىسىنى «دۆلەت مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ بەدىلى» دەپ كۆرسەتتى

سىسى مىسىرنىڭ ئىقتىسادىي كرىزىسىنى «دۆلەت مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ بەدىلى» دەپ كۆرسەتتى

by تەكلىماكان

كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىقتىسادىي كرىزىسقا دۇچ كەلگەن سىسى ھاكىمىيىتىگە بولغان تەنقىد كۈندىن كۈنگە ئاشماقتا.

سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق مىسىردا ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن پرېزىدېنت ئابدۇل فەتتاھ سىسى تېلېۋىزوردا تارقىتىلغان نۇتقىدا ، ئۆز خەلقىنىڭ ئاچ قېلىش ئېھتىماللىقىنى «دۆلەتنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ بەدىلى» دەپ قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سىسى شەنبە كۈنىدىكى سۆزىدە رەقىبلىرىنى «يالغانچىلار ، بۇزغۇنچىلار ۋە ناچار كىشىلەر» دەپ ئاتىدى ۋە نۇرغۇن مىسىرلىقلار ئىقتىسادىي كرىزىس ئاستىدا تارمار قىلىنغان بىر پەيتتە ، ئۆزى ئېلىپ بارغان ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىگە سەرپ قىلغان مىلياردلىغان پۇلنى قوغدىدى.

سىسى مۇنداق دېدى: «مىسىرلىقلار قۇرۇلۇش ۋە ئىلگىرىلەشنى ئەمەس ، بەلكى يېيىشنى خالايدۇ». ئۇ يەنە: «ئەگەر مىللەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى ۋە گۈللىنىشىنىڭ باھاسى ئاچ ۋە ئۇسسۇز قېلىش بولسا ، ئۇنداقتا ئىچمەسلىك، يېمەسلىك كېرەك» دېدى.

سىسى يەنە مۇنداق دېدى: «مىللىتىمىزنىڭ ئىشلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭ ۋە بىزنى دۇنيانىڭ كۈلكىسىگە ئايلاندۇرماڭ. قەددىڭىزنى تىك تۇتۇڭ،سىز قانچە چىڭ تۈرسىڭىز ئىقتىسادىي كرىزىس شۇنچە تېز ئۆتىدۇ. ” دېدى.

Related Articles

Leave a Comment