ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكى «فېنتانىل ئىشلەپچىقىرىدۇ ۋە ساتىدۇ» دەپ قاراپ خىتايدىكى 13 ئادەم ۋە 12 شىركەتنى ، كانادادىكى 1 ئادەم ۋە 2 شىركەتنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.
مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىغا قارىغاندا ، خىتايۋە كانادادىكى 28 شەخس ۋە شىركەتكە «فېنتانىل ئارىلاشتۇرۇلغان شىلازىن قاتارلىق خىمىيىلىك ماددىلارنى ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقان ۋە ئەتكەس قىلغانلىقى» ئۈچۈن جازا يۈرگۈزۈلگەن.
ئامېرىكىنىڭ باش تەپتىشى مېررىك گارلاند بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بىز ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بۇ يەرشارى فانتانىل تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئادەتتە خىتايدىكى خىمىيىلىك شىركەتلەردىن باشلىنىدىغانلىقىنى بىلىمىز». دېدى.
ئەدلىيە مىنىستىرلىكى يەنە خىتايدىكى باشقا 8 شىركەت ۋە بۇ شىركەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بار 12 كىشىگە «قانۇنسىز فانتانىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش ، ئەپيۇن دەپ ئاتىلىدىغان بىرىكمە دورا تۈرىنى تارقىتىش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن 8 تۈرلۈك ئەيىبلەشنى ئېلان قىلدى.