ئوتتۇر شەرىقباشبەتتەۋسىيەخەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بىللىنكېن «ئىسرائىلىيە» گە كەلدى

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونىي بلىنكېننىڭ بۈگۈن «ئىسرائىلىيە» دە بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن تۈنۈگۈن بەرگەن باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە بەرگەن ۋەدىسىنىڭ «تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى» يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ ، «ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ ئارقىسىدا» دېدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، بايدېن ئاقسارايدىكى باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بۇ ھۇجۇم مىڭ يىللىق يەھۇدىيلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن قالغان ئازابلىق ئەسلىمىلەر ۋە جاراھەتلەرنى يەر يۈزىگە ئېلىپ چىقتى. تېرورلۇققا ھېچقانداق يوللۇق باھانە يوق.»

يەنە بىر تەرەپتىن ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونىي بىللىنكېنمۇ بۈگۈن تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيەدە بولۇپ ، ئىسرائىلىيە بىلەن ئىتتىپاقداشلىقىنى كۆرسىتىپ ، نۆۋەتتىكى تەرەققىياتلارنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ھۈسەيىن ئەل شەيىخ مۇنداق دېدى: بىللىنكېن پەلەستىن پرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button