مەنبە: Mepa News خەۋەر مەركىزى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىدىكى ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق ھاماسنىڭ تونىل تورى.
بىخەتەرلىك مەنبەلىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى ساقلاۋاتقىنى ئۇزۇنلۇقى نەچچە يۈز كىلومىتىر، چوڭقۇرلۇقى 80 مېتىر كېلىدىغان ھاماس تونېل تورىدۇر.
غەرب ۋە ئوتتۇرا شەرق مەنبەلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، پەلەستىن گۇرۇپپىسىنىڭ 360 كۋادرات كىلومىتىر دېڭىز قىرغىقى ۋە چېگراسى ئاستىدا ھۇجۇم، زاپاس ساقلاش ۋە مەشغۇلات ئۆيى قاتارلىق ئوخشىمىغان تونېللار بار.
ئامېرىكا ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئىسرائىلىيە ئالاھىدە قىسىملىرى مىسلى كۆرۈلمىگەن خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ، ھاماس ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغاندا يەر ئاستىدا تۇتۇلغان تۇتقۇنلارنى ئۆلتۈرۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك -دەپ قارايدۇ.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن ئىراقنىڭ موسۇل شەھىرىنى «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» دىن قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن توققۇز ئاي داۋاملاشقان ئۇرۇشنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىدىن ئاسان بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيە سېنزور ئارقىلىق تونېلنى ئىزەپ تېپىشقا كۆپلەپ مەبلەغ سالغان، ھاماسنىڭ يەنىلا سىرتقى دۇنياغا تۇتىشىدىغان تونېلى بار -دەپ قارالماقتا.
ھاماسنىڭ غەززەدىكى رەھبىرى يەھيا سىنۋار 2021-يىلدىكى ئەڭ يېڭى توقۇنۇشتىن كېيىن مۇنداق دېدى: «ئۇلار ھاماسنىڭ 100 كىلومىتىر تونېلنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئېيتىشقا باشلىدى. سىزگە دەيمەنكى، بىزنىڭ غەززە رايونىدىكى تونېللىرىمىز 500كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرى راست بولسا «ئۇلار پەقەت %20 تونېلنى ۋەيران قىلدى».
تونېللارنى كۆرگەن بىر تۇتقۇننىڭ بايانلىرى
ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇقلۇققا ھۇجۇم قىلىشتىن ئىلگىرى يەر ئاستىغا يوشۇرۇنۇۋالغان دەپ قارالغان سىنۋارنىڭ يۇقارقى بايانلىرى تېخى ئىسپاتلانمىدى. ئەمما بىخەتەرلىك ئانالىزچىلىرى نەچچە يۈز كىلومىتىرلىق تونىل ئېتىراپ قىلدى.
ئىسرائىلىيە غەززەنىڭ ھاۋا ۋە دېڭىز تىرانسپورتىنى ۋە 72 كىلومىتىر قۇرۇقلۇق چېگراسىنىڭ 59 كىلومىتىرنى (مىسىر بىلەن جەنۇبتىن 13 كىلومىتىرغىچە) تولۇق كونترول قىلىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ تونېللار ھاماسنىڭ رايونغا قورال، ئۈسكۈنە ۋە كىشىلەرنى كىرگۈزۈدىغانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ.
يېقىندا قويۇپ بېرىلگەن 85 ياشلىق ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇن يوچېۋېد لىفشىتز: «ئۇ ئۆمۈچۈكنىڭ تورىغا ئوخشايتتى، نۇرغۇن تونېل بار» دېدى، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز يەر ئاستىدا نەچچە كىلومېتىر يول يۈردۇق».
ھاماسنىڭ قارىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ كۈچلۈك ھاۋا ھۇجۇمى ۋە برونېۋىك ئەۋزەللىكى ئالدىدا، بۇ تونېللار ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنى خاماس جەڭچىلىرى ياخشى بىلىدىغان تار بوشلۇقتا قىستاپ يەر ئاستى مەشغۇلاتىغا مەجبۇرلاش ئارقىلىق بۇ ئەۋزەللىكلەرنىڭ بىر قىسمىنى يوقىتىشنىڭ يولى ئىكەن.
ئىسرائىلىيە ھەربىي باياناتچىسى پەيشەنبە كۈنى: «مەن نەچچە يۈز كىلومېتىر تونېلنىڭ سانى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بەرمەيمەن، ئەمما مەكتەپ ۋە ئولتۇراق رايون ئاستىدا ياسالغان نۇرغۇن تونېل بار» دېدى.
يەر ئاستى شەھەر
ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك مەنبەلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئېغىر ھاۋا ھۇجۇمىدا تونېل ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ئازراق زىيان كەلتۈرگەن بولۇپ، ھاماس دېڭىز ئارمىيىسى قوماندانلىق ئىشتابى بۇ ھەپتە غەززە دېڭىز بويىدىكى ئولتۇراق رايونلارنى نىشان قىلغان دېڭىز ئارمىيىسى ھۇجۇمىنى قوزغىغان.
ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، غەززە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ۋە تونېلغا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن سابىق بىرىگادا كوماندىرى ئامىر ئاۋىۋى مۇنداق دېدى: «ھاماسنىڭ رەھبەرلىكى، قوماندانلىق قىلىش ۋە كونترول قىلىش ئىقتىدارى، ھەتتا قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاش ئىقتىدارىمۇ بار. گەرچە بىز بىر نەچچە كۈندىن بۇيان قاتتىق ھۇجۇم قىلغان بولساقمۇ، كۆرىنەرلىك نەتىجە قازىنالمىدۇق».
ئاۋىۋى يەنە مۇنداق دېدى: «غەززەنىڭ ھەممە يېرىدە 40-50 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى بىر شەھەر بار. قوماندانلىق شىتابى ۋە ئامبار بار، ئەلۋەتتە ئۇلار مىڭدىن ئارتۇق راكېتا قويۇپ بېرىش مەركىزىگە ئۇلىنىدۇ -دېدى.
باشقا مەنبەلەردە تونېلنىڭ چوڭقۇرلۇقى 80 مېتىرغا يېتىدىكەن.
غەربنىڭ بىر بىخەتەرلىك مەنبەسى مۇنداق دېدى: «تونىل بېتوندىن ياسالغان ۋە ناھايىتى پۇختا ياسالغان».
ئىسرائىلىيەنىڭ قوشنا دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان يەنە بىر بىخەتەرلىك مەنبەسىنىڭ ئېيتىشىچە، ھاماسنىڭ مىسىرغا تۇتاشقان تونېلى يەنىلا ئاكتىپ خىزمەتتە ئىكەن.
ئىككى بىخەتەرلىك مەنبەسى ۋە بۇ شەھەردىكى بىر سودىگەرنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تاكى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە مىسىر بىلەن غەززە ئوتتۇرىسىدا ئاز ساندىكى تار ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر تىجارەت تونېلى ئاكتىپ خىزمەت قىلغان ، ئەمما ئىسرائىلىيە-ھاماس ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان، بۇ تىجارەتلەر توختاپ قالغان.
مىسىر ئەمەلدارلىرى بۇ توغرىلىق ھېچقانداق باھا بەرمىگەن . چارشەنبە كۈنى مىسىر پرېزىدېنتى ئابدۇل فاتاخ ئەل سىسى سۇۋەيىشتىكى ھەربىي قىسىملارنى تەكشۈرگەندە ئارمىيەنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ مىسىر چېگراسىنى قوغداش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇزۇن ئويۇن
ھاماس 1987-يىلى غەززەدە قۇرۇلغان بولۇپ، 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تونېل قېزىشقا باشلىغان دەپ قارالغان.
تونىل تورى ھاماسنىڭ ئەسكىرىي كۈچىنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكىگە قارىغاندا غەززەدە كۈچلۈك بولۇشىدىكى بىر چوڭ سەۋەب . ئىسرائىلىيە مەھمۇد ئابباس ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچىگە ئاساسەن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئولتۇراق رايونلارنى ئاساسەن قورشاپ بولدى ھەمدە ئولتۇراق رايونلار ئارىسىدا نۇرغۇن تەكشۈرۈش پونكىتى قۇردى.
بۇنىڭدىن باشقا، گەرچە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى بازىسى، ھۇجۇم قىلىش ۋە ئىز قوغلاش سىستېمىسى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ گۇرۇپپا غەززەدىكىگە ئوخشاش ئۈنۈملۈك بولمىدى.
-2005يىلى ئىسرائىلىيە غەززەدىن ئەسكەر ۋە كۆچمەنلەرنى چېكىندۈرگەن ۋە 2006-يىلدىكى سايلامدا ھاماس ھوقۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن، تونىل كولاش ۋە ھازىرقى تونېللارنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاسانلاشقان.
ئۇزاق ئۆتمەي، ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى ئىززىن ئەل-قەسسام بىرىگادىسى گىلاد شالىتنى قولغا ئېلىپ، غەززە چېگراسىدىكى كېرەم شالوم بازىسىغا بېسىپ كىرىپ 600 مېتىرلىق تونېل كولاپ ئىككى ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى ئۆلتۈردى.
رافادىكى تونېل تىجارەتچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئەبۇ قۇسەي 800 مېتىرلىق تونېل كولاشقا ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى، كۈنىگە 100 مىڭ دوللار تاپالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەبۇ قۇسەي، ئەڭ كۆپ پايدا ئالغان مەھسۇلات مىسىردا ھەر بىرىنىڭ باھاسى 1 دوللاردىن سېتىۋېلىنغان ۋە غەززەدە 6 دوللاردىن ئارتۇق پايدا ئېلىپ كەلگەن ئوق بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: كالاشنىكوف مىلتىقلىرى مىسىردىن 800 دوللارغا سېتىۋېلىندى ۋە غەززەدە بۇ پۇلنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە سېتىلدى.
-2007يىلى، ئىززۇددىن ئەل-قەسسام بىرىگادىسىنىڭ ھەربىي قوماندانى مۇھەممەد ئەل دەيفنى تونېل ئارقىلىق مىسىردىن غەززەگە يۆتكەلدى -دەپ قارالدى.
ئەل-دەيف يەنە 10-ئاينىڭ 7-كۈنى خاماس باشچىلىقىدىكى پەلەستىن گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلغان تۇيۇقسىز ۋە مىسلى كۆرۈلمىگەن ھۇجۇمىنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان.
تونېل تېپىش
ئىسرائىلىيە بېر-ئىلان ئۇنۋېرسىتىتىدىكى گېئومورفولوگ ۋە گېئولوگ پروفېسسور جوئېل روسكىن تونىل تورىنى يەر يۈزىدىن ياكى بوشلۇقتىن خەرىتىگە ئاساسەن تېپىشىنىڭ قىيىنلىقىنى، D3 خەرىتە سىزىش ۋە رەسىمنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن مەخپىي ئۇچۇرلارنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تونېلدىن ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئالاھىدە قىسىم ئەسكەرلەر تونېلنى تېپىش، تازىلاش ۋە يوقىتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان «ۋېسېل» دەپ ئاتالغان ئىسرائىلىيە جەڭ قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ مۇتەخەسسىس قوماندانلىرى ياخالومنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياخۇ ياخالوم جەڭچىلىرىدىن ئەھۋال سورىدى ۋە ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە ئىشىنىمەن، ئىسرائىل خەلقى سىلەرگە ئىشىنىدۇ» دېگەن.
ئىسرائىلىيە مەنبەلەردە «ئۇلارنى ساقلاۋاتقىنىنىڭ قىيىن ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ 2014-ۋە 2021-يىللىرىدىكى ئىلگىرىكى ھەرىكەتلىرىدىن ساۋاق ئالغان ۋە قايتىدىن تەشكىللەنگەن دۈشمەنگە دۇچ كەلگەنلىكى» ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
«ئۇلارنىڭ نۇرغۇن توزاقلىرى بار. ئۇلارنىڭ 2021-يىلى يوق تېرموبارىك قوراللىرى بار، بۇلار تېخىمۇ ئەجەللىك. مەن يەنە ئۇلارنىڭ تانكىغا قارشى قورال سىستېمىسىغا ئېرىشكەنلىكىگە ئىشىنىمەن» دېدى سابىق بىرىگادا كوماندىرى، جەڭ قىلىش رازۋېدكا ئەترىتىنىڭ سابىق قوماندانى ئامنون سوفرىن.
ئىسرائىلىيە رېيچمان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، «يەر ئاستى ئۇرۇشى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى دافنى رىچموند باراك، سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى توقۇنۇشلارنىڭ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى.