تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشلانغان ئۇرۇش سەۋەبىدىن «دۆلەت مەنپەئەتى» گە تەھدىت دەپ قارىغان چەتئەل تاراتقۇلىرىنى ۋاقتىنچە تاقاشقا رۇخسەت قىلدى.
ئىسرائىلىيە لىۋاندىكى ئاخبارات ۋاستىسى ئەل مېيادېننى چەكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئەلجەزىرەنىڭ يەرلىك ئىدارىسىنى تاقىمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
دۈشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياخۇنىڭ بىخەتەرلىك كابىنېتى ئېلان قىلغان باياناتىدا ، لىۋاننى بازا قىلغان ۋە ئىراننى قوللاش سىياسىتى بار ئەل مېيادىن قانىلىنىڭ تارقىتىش ۋە تور بېتىنى چەكلەش قارارىنىڭ تەستىقلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
گەرچە ئەلجەزىرەنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى ئاڭلىتىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەر ئىلگىرى كۈن تەرتىپىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ ، ئەمما كابىنېتنىڭ باياناتىدا قاتارنى ئاساس قىلغان رادىئو تەشكىلاتى تىلغا ئېلىنمىدى.
كابىنېت باياناتىدا ئەل مېيادىننىڭ «ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش ۋە دۈشمەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» سەۋەبىدىن تاقىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئەلجەزىرەنىڭ نېمىشقا ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك كابىنېتىنىڭ قارارىغا كىرگۈزۈلمىگەنلىكىنى سورىغاندا ، خەۋەرلىشىش مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى: «بىخەتەرلىك كابىنېتى بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلمىدى» دەپ جاۋاب بەردى.