شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە، بۈگۈن (15-نويابىر) پىلانلانغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن ئۇچرىشىشى مەتبۇئاتلار تەرىپدىن يېقىندىن كۆزىتىلمەكتە.
ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ۋە خىتاي رەئىسىنىڭ ئۇچرىشىشى، ھەر ئىككى رەھبەرنىڭ مۇشۇ بىر يىل (2023) ئىچىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشى ھېسابلىنىدۇ.
دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ %60 نى تەشكىل قىلىدىغان 21 دۆلەتنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان مۇنبەر يىغىنىدىن ئىلگىرى تەرەپلەردىن مۆتىدىل ئۇچۇرلار كېلىشكە باشلىدى.
جو بايدىن تۈنۈگۈن (14- نويابىر) ئامېرىكانىڭ خىتايدىن يىراقلىشىشقا تىرىشمىغانلىقىنى، دەل ئەكسىچە تېخىمۇ ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بايدىن بۇ باياناتىنى ئامېرىكانىڭ شەرقىدىكى پايتەخت ۋاشىنگتوندىن غەربىدىكى سان فىرانسىسكو شەھىرىگە يولغا چىقىشتىن سەل بۇرۇن ئاقسارايدا ئېلان قىلدى.
بايدىن يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى چاقىرغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ مەقسىتى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «نورمال ئالاقە سەۋىيەسىگە قايتىش؛ ھەر قانداق بىر كىرىزىس مەزگىلىدە تېلېفوننى ئېلىپلا ئۆزئارا پاراڭلىشالايدىغان بولۇش» دېدى.
يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللاردىن كەلگەن ۋە مۇئەييەنلەشمىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئىككى رەھبەر سان فىرانسىسكونىڭ ۋودسايد يېزىسىدىكى بىر تارىخىي يېزا ئۆي مۇزېيى بولغان فىلولى ئېستېتتە كۆرۈشىدىكەن.
يەنە بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى بايدىن بىلەن شىنىڭ «ھەربىي دېڭىز ئىشلىرى مەسلىھەتلىشىش كېلىشىمى» دائىرىسىدە مۇزاكىرەلەرنى قايتا باشلاش كېلىشىمىنى ئېلان قىلىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈردى.
بۇ كېلىشىم، ئامېرىكا ۋە خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى شۇنداقلا ھاۋا ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئۇچۇر – ئالاقىنى ياخشىلاش ئارقىلىق ھاۋا ۋە دېڭىزدىكى بىخەتەرلىكنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ئۇزۇندىن بۇيان مۇرەككەپلىشىۋاتقان ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى، ئۆتكەن يىلى (2022) ئامېرىكانىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارغا قارىتا يولغا قويغان يېڭى ئېكسپورت كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرى ۋە خىتاينىڭ بۇنىڭغا بىلدۈرگەن نارازىلىقىدىن كېيىن ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلگەن ئىدى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ فېۋرال (2023) دا ئامېرىكا زېمىنىدا ئۇچقان خىتاينىڭ جاسۇسلۇق شارىنى ئېتىپ چۈشۈرۈش بۇيرۇقىنى بېرىشى ۋە تەيۋەن رەھبىرى سەي يىڭۋېننىڭ يىل بېشىدىكى ئامېرىكا زىيارىتى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى مۇرەككەپلەشتۈرگەن ئۆزگىرىشلەر بولۇپ قالغان ئىدى.