ئىگىلىنىشچە ، خاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش ۋە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان.
ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ بۈگۈنكى سۆھبەتتىن كېيىن خاماس بىلەن مەھبۇس ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياخۇ كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن تۇتقۇنلارنىڭ تەدرىجىي قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە بۇ كېلىشىمنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ توقۇنۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. نىتانىياخۇ يەنە ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىنغا رەھمەت ئېيتتى.
نىتانىياخۇ «ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بۈگۈن كەچتە قىيىن قارارغا دۇچ كەلدى ، ئەمما بۇ توغرا قارار» دەپ بۇ قارارنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. نىتانىياخۇ ئۇرۇشنىڭ ئىسرائىلىيە بارلىق نىشانلىرىغا يەتمىگۈچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
كېلىشىم نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
يېڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، خاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم بىر قانچە باسقۇچتا ئەمەلگە ئاشىدىكەن.
- بىرىنچى باسقۇچ– 5 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىلىدۇ ، 50 ئىسرائىلىيە ۋە 150 پەلەستىنلىك مەھبۇس قويۇپ بېرىلىدۇ.
- قويۇپ بېرىلگەن ئىسرائىلىيە تۇتقۇنلىرى ئەسكەر بولمايدۇ ، قويۇپ بېرىلگەن پەلەستىنلىك مەھبۇسلار ئاياللار ۋە بالىلار بولىدۇ.
- قويۇپ بېرىلگەن ھەر بىر ئىسرائىلىيە ئۈچۈن 3 پەلەستىنلىك قويۇپ بېرىلىدۇ.
- ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ۋە يېقىلغۇ توشۇيدىغان 200 ماشىنا غەززە رايونىغا كىرىدۇ.
ئاندىن كېلىشىمنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى باشلىنىدۇ. خاماس قويۇپ بەرگەن ھەر 10 ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇننىڭ بەدىلىگە ، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىشنى يەنە 2 كۈن ئۇزارتىدۇ. بۇ تۇتقۇنلار ئەسكەر بولمىغان ئىسرائىلىيەلىكلەردىن تەركىب تاپىدۇ. ئىسرائىلىيە تۇتقۇنلىرىنىڭ جەسىتىمۇ ئالماشتۇرۇشقا كىرگۈزۈلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
قويۇپ بېرىلگەن ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇنلارنىڭ سانى 99 كە يەتكەندە ، ئىسرائىلىيە بارلىق پەلەستىنلىك ئاياللار ۋە بالىلار مەھبۇسلىرىنى تۈرمىدە قويۇپ بېرىدۇ.
مۆلچەرلىنىشىچە ، كېلىشىمنىڭ تەپسىلاتى كەلگۈسى بىر نەچچە سائەت ئىچىدە ئايدىڭلىشىدىكەن ھەمدە ئىككى تەرەپ بۇ شەرتلەرنى رەسمىي ئېلان قىلىدىكەن.