🔴 1- خىتاي بىلەن ئوتتۇرا شەرق مۇناسىۋىتى
خىتاي ئوتتۇرا شەرق بىلەن تارىخى ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىسى بار دۆلەت. خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرا شەرقتىكى ئېنېرگىيە بايلىقىغا بولغان ئېھتىياج ۋە رايوننىڭ ئىقتىسادىي پۇرسىتىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقاردى. خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق مۇھىم نۇقتىسى ئېنېرگىيە ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە مەزكەزلەشتى.
🔴 2-ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى
خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالچىسى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانغا خىتاينىڭ ئېنېرگىيەگە بولغان ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. ئوتتۇرا شەرق دۇنيادىكى نېفىت زاپىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىستراتېگىيىلىك رايون. خىتاي ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە كېلىشىمى ئىمزالاش ۋە ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق ئورنىتىش بىلەن كۈچلەندۈرمەكتە.
🔴 3-ئىقتىسادىي ھەمكارلىق
خىتاي ئوتتۇرا شەرق بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ياخشىلاپ رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا مىقدارىنى ئاشۇرۇش، مەبلەغ سېلىشقا ئىلھام بېرىش ۋە ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ھەر خىل تەدبىرلەرنى يولغا قويدى. بولۇپمۇ ئاتالمىش «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسى دائىرىسىدە ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى ۋە سودا تورىنى بەرپا قىلىش تىرىشچانلىقى ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك. بۇ تۈرلەر خىتاينىڭ رايوندىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيىلىك قورال سۈپىتىدە قوللىنىلماقتا.
🔴 4-سىياسىي مۇناسىۋەت ۋە رايون مۇقىملىقى
خىتاي ئوتتۇرا شەرقتىكى سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىنىمۇ كۈچەيتىۋاتىدۇ. ئۇ رايوندىكى توقۇنۇش ۋە مۇقىمسىزلىق مۇھىتىدا مۇرەسسە قىلىشقا ئۇرۇنۇپ ، سۆھبەتلىشىش جەريانىنى قوللىماقتا. خىتاي رايون مۇقىملىقىنىڭ كاپالىتى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن دەپ قارايدۇ ۋە بۇنىڭغا ئاساسەن رايوندىكى ھەرقايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ۋە ھەمكارلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.
مەسىلەن: سەئۇدى ئەرەبىستان-ئىران ۋە ئىسرائىلىيە – پەلەستىن مۇناسىۋېتىنى ياخشىلاشقا ئۇخشاش.
🔴 خۇلاسە
خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيىسى ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق، سىياسىي مۇناسىۋەت ۋە رايون مۇقىملىقىنى ئاساس قىلىدۇ. ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، خىتاي ئېنېرگىيە بايلىقىغا ئېرىشىدۇ، ئىقتىسادىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، رايوندىكى تەسىرىنى ئاشۇرىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيىسى مۇرەككەپ ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك مەسىلە بولغاچقا، تېخىمۇ تەپسىلىي تەھلىل قىلىشقا ۋە كۈزۈتىشكە مۇھتاج.