ئىسرائىلىيە قىسىملىرى 7 – ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇملىرىدا 19 مىڭ 667 پەلەستىنلىك پۇقرانى ئۆلتۈردى ۋە 52 مىڭ 586 كىشىنى يارىلاندۇردى.
ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ غەززەدىكى ئەل رىمال مەھەللىسىنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە، 50 پەلەستىنلىك پۇقرا قازا قىلدى ۋە نۇرغۇن كىشى يارىلاندى. خارابىلىك ئاستىدا قاپسېلىپ قالغان ئاز دېگەندە 50 كىشىنى ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى غەززەنىڭ شىمالىدىكى جىبالىيە رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدىمۇ كۆپىنچىسى كىچىك بالىلار ۋە ئاياللار بولۇپ، نەچچە ئون كىشىنى ئۆلتۈردى ۋە يارىدار قىلدى.
غەززە رايونىدىكى ھۆكۈمەت ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ غەززەدە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان مۇخبىرلار سانىنىڭ 97 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ 7 – ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىدا داۋاملاشتۇرغان ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇملىرىدا 52 مىڭ 600 ئۆي پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى ۋە 254 مىڭ ئۆي بۇزۇلدى.
ئىسرائىلىيە غەززەدە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپلا قالماي، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتىمۇ زۇلۇمنى توختىماي داۋاملاشتۇرماقتا.
غەربىي قىرغاقتا ئىسرائىلىيە قىسىملىرى كۆپلىگەن شەھەرلەرگە بېسىپ كىردى ۋە ئىككى پەلەستىنلىكنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن باشقا يەنە، نۇرغۇن كىشىنى تۇتقۇن قىلدى.